خىتايدا بۇ يىل سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان

خىتايدا بۇ يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى ئىككى مىڭدىن ئاشقان. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 275 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-07
Share

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا كەلگۈچە سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 1 مىڭ 454. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 669 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنى بولمىغان.

ئۇچۇردا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ خىل خىتايدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ ئېغىر ئۆي ئۆرۈلگەن. 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

بۇ يىل يازدا خىتاينىڭ سېرىق ۋە ياڭزى دەريالىرىدا كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈنگەن بولۇپ، ئاپەتلەر خىتاينىڭ " ئۈچ بوغۇز توسمىسى" غىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى.

بۇ يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغا كەلگۈچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 58 شەھەر، ناھىيىسىدىمۇ ھەر خىل دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 970 مىڭ 600 گە يەتكەن.
 
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت