خەيكو شەھىرىدە ۋابا تارقىلىشقا باشلىغان

خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھىرىدە خولېرا( ۋابا) تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، رويتېرىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خولېراغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.03

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، يەنە 70 نەپەر ئوقۇغۇچى قورساق ئاغرىقى بىلەن ياتاققا ئېلىنغان.

ھازىر خەيكو شەھىرىدە خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار سانى 51 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە خەينەن ئۇنىۋېرسىتېت مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاپ باشقىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.

خولېرا پاسكىنا سۇ ۋە يېمەكلىكتىن يۇقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك خولېرا جىددىي ئىچى سۈرۈش ۋە بۆرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئادەمنىڭ ھاياتىغىمۇ تەھدىت سالىدىكەن. نۆۋەتتە خولېرانىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تارقالغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.