خۇجىنتاۋنىڭ يۇرتى ئەنخۇيدا ۋابا تارقالدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى مېڭچېڭ ناھىيىسىدە ۋابا )خولېرا( كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان 30 بىمار داۋالىنىۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.29

خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ' ئەنخۇيدا ۋابا كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ھېچقايسى ئۆلمىدى. 10 بىمار دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى، يەنە 20 بىمار داۋاملىق داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئادەتتە تازىلانمىغان يېمەكلىكتىن پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ ' دەپ بايان قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋابا يۇققان بىمارلاردا جىددىي ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش، سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، بىمارلار ئۇشتۇمتۇت خىيىم - خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى كۆپ. ئەگەر بۇخىل كېسەللىك كەڭ تارقىلىپ كەتسە، ھەتتا ھاۋارايىدىمۇ چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچىسى كلاير چاگناتنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋابا كېسەللىكى نامراتلىق كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، خەلقى نامراتلىققا پاتقان، ئىچىدىغان سۇ تازىلانمايدىغان جايلاردا پەيدا بولىدىغان تېز تاقىلىدىغان شىددەتلىك كېسەللىك.

مۇشۇنداق ۋابا كېسەللىكى ھازىر خىتايدا پەيدا بولۇپ تارقىلىشقا باشلاپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالماقتا، خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئافرىقىدىكى، ئافغانىستاندىكى نامراتلىق باسقان جايلاردا پەيدا بولۇپ ئىنسانىيەتكە جىددىي بالايى - ئاپەت كەلتۈرۈپ ئۆتكەنگە ئوخشاش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.