خىتايدا يەنە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلدى

خىتايدا يەنە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، زەھەرلىنىش يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت جەمئىي ئىككى يۈز بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ ياتاققا ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.31

"خىتاي گېزىتى"دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرى، كۈنمىڭ شەھىرى توڭدۇ بازىرى يىڭپەن كەنتىدىكى دېھقانلار، يېزىسىدىكى زەھەرلىنىش ئەھۋالىنى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلغان. دېھقانلار زەھەرلىنىشنى كەنتىگە يېقىن قۇرۇلغان سانائەت رايونى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ، گۇمان قىلىشقان.

يۈننەن ئۆلكىسى زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، مەزكۇر كەنتتىكى 14 ياشتىن تۆۋەن 60 پىرسەنت بالىنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا سانائەت رايونلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، نەتىجىدە خىتايدا ھەر خىل شەكىللىك يۇقۇملىنىش ۋە زەھەرلىنىش ھادىسىسى كوپ سادىر بولماقتا.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا خېنەن ئۆلكىسىدە 1300 بالا، شەنشى ئۆلكىسىدە 650 بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن ئىدى. بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتايدا كۆرۈلگەن 3 - قېتىملىق زەھەرلىنىش ھادىسىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.