خىتايدا يەنە 1300 بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.20
2009.08.20
1958 بالىغا ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 1354 نەپىرىنىڭ قېنىدا ئارتۇق مىقداردا قوغۇشۇن بايقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مانگان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى يېقىندا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن پېچەتلەنگەن.
ۋېنپىڭ ناھىيىسىدىكى بىر ئايال كىشىنىڭ ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا بايان قىلىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئۈچىلا بالىسىنىڭ قېنىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى 200 مىللىگرام چىققان بولۇپ، ھالبۇكى خىتايدا بەلگىلەنگەن قاندىكى قوغۇشۇننىڭ نورمال مىقدارى 100 مىللىگرام ئىكەن. يەرلىك خەلقلەر يەنە، ئەمەلدارلارنىڭ بۇ زاۋۇتقا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ھەم ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتپ شىكايەت قىلغان.
خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي، ئېقىن سۇلارغا قويۇپ بېرىشى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇشىدەك ئەھۋاللار خىتايدا مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىت سالماقتا.
تېخى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىلا شەنشى ئۆلكىسىدىمۇ ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىپ بالىلىرى قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن ئاتا - ئانىلار دۇڭلىڭ قوغۇشۇن زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى. شەنشىدىكى ۋەقەدە 615 بالىنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلىكى بايقالغان ئىدى.