خىتايدا موڭغۇللارنىڭ كىملىكى يوقالماقتا

موڭغۇللار ھازىر كىملىكى پۈتۈنلەي يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەش ئاي تۈرمىگە تاشلاپ ھېچقانداق سوراق قىلمايلا قويۇپ بېرىلگەن جىرانبايارىن سويول روېيتېرس ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىغا 'خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل جامائىتىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلاپ 40 يىلدىن كېيىن، بىز موڭغۇللار خىتاي مەدەنىيىتى دېگەن ھاۋادا بۇرۇقتۇرما بولۇپ تۈگىشەي دېدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008-10-29
Share

چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى چۇقۇم موڭغۇللارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا تىبەتلەر، ئۇيغۇرلارمۇ، موڭغۇللاردىنمۇ يامان ئەھۋالغا قالىدۇ' دېگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، موڭغۇللار 13 ‏ - ئەسىردە چىڭگىزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئىمپېراتورلۇق قۇرۇپ جاھانغا تونۇلغان. 1949 ‏ - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا ئۆزىگە ئەزا قىلىۋالغان موڭغۇللاردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن موڭغۇل خەلقىنى 'ئاپتونوم رايون' دېگەن سېستىمىغا باغلىۋالغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل يۇرتلىرىغا خىتايدىن كۆچمەن ئەكىلىپ، يەر ئىگىلىتىپ، موڭغۇل تىلىنى چەكلەپ، موڭغۇللارنى 'يەرلىك مىللەتچى'، 'بۆلگۈنچى' دەپ جازالاپ پارچىلىغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنى 'موڭغۇل خەلق پارتىيىسى' نىڭ ئەزالىرى دېگەن بەدنام بىلەن قىرغان. بۇ جەرياندا 'خىتاي مەدەنىيىتى' نى كېڭەيتىش ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا باشلىغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.