خوڭكوڭ مائارىپى، دۆلەت سىياسىي تەربىيە دەرسلىكىنى يولغا قويۇشنى كېچىكتۈردى

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان سىياسىي تەربىيە دەرسلىكى ئەسلىدە، خوڭكوڭدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى بولغان بولۇپ، خوڭكوڭ مائارىپ كومىتېتى، بۇ پىلاننى يولغا قويۇشنى 2015-يىلىغا كېچىكتۈرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.04.30

بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەكتەپلەرنى بۇنداق بىر دەرسلىككە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك تەييارلىق ۋاقتى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «دۆلەت تەربىيىسى» نامى ئاستىدا يولغا قويماقچى بولغان، سىياسىي تەربىيىسى كۆپلىگەن خوڭكوڭ مائارىپچىلىرى تەرىپىدىن، مېڭە يۇيۇش سىياسىتى دەپ قارالغان ۋە ئۇلار مائارىپنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى تەنقىد ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭ ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مائارىپىغا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان. خوڭكوڭ مائارىپ كومىتېتى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئاتالمىش دۆلەت تەربىيىسىنىڭ، خوڭكوڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدىكى پىلاندا، خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە يىلىغا 50 سائەت، يەنى ھەپتىسىگە بىر سائەت سىياسىي تەربىيە دەرسى تەشەببۇس قىلىنغان. دەرسلىكتە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو پۇقراسى ئېڭىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.