مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى 28-دېكابىر خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
2012.01.24
باياناتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىل 28-دېكابىر كۈنى خوتەننىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدە2 نەپەر ئايالنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەم نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار قىلىنغانلىقى ئەيىبلەندى.
مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى، خەلقئارادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلق ھەم ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلايدىغان تەشكىلات بولۇپ، تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ئىسمى4-نۆۋەتلىك خەلقئارا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەر ھەم ئېزىلگەن مىللەتلەر ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى بولۇپ، ياۋروپادىكى بېرلىن، پارىژ، رىم، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرى بار.
يېقىندىن بۇيان بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەم كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ھەققىدە كۆپلىگەن دوكلات ھەم باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىكى ئېزىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقتا.