رويترس ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن، خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنى، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانغا 4 نى قوشۇپ 18 دەپ ئېلان قىلدى دەپ بايان قىلدى. ئىستراتېگىيە جەھەتتىن خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان شىنجاڭ ھازىر يەنە بىر چوڭ داۋالغۇش ئىچىدە قالدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىر يېڭىچە شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن، خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلار تەشكىللىگەن، ئۇلارنىڭ ئادەملىرى بىزدىن ئىككى كۈن بالدۇر خوتەنگە كىرىپ بولغان دەپ جاكارلىدى، ئەمما تېخىچە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى دەپ بايان قىلدى.
بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ، ئۇيغۇرلار خوتەندە خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋەقە ھەققىدە، ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۆزى ئېلان قىلىۋاتقان دەلىلى، ئىسپاتسىز، تەپسىلاتى يوشۇرۇلغان ئۇچۇرلاردىكى پەرقلەرنى كۆرسىتىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.