خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور ئەھلىدىن 'ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار'نى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور ئەھلىدىن "قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار"نى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-05-24
Share

"خوتەن ھۆكۈمەت تورى" دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇقتۇرۇش، مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشنى خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇش، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تارقاتقان "كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداش چارىسى" سەرلەۋھىلىك 33 - نومۇرلۇق بۇيرۇقنىڭ 5 - ماددىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر 33 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا، تور ئەھلىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق "قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە، ئاساسىي قانۇننى بۇزۇش، دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى " غا يول قويۇلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە 10 ئايدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتىكى يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت