خەلقئارا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنىدە يادرونىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى تەلەپ قىلىندى

خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئاۋغۇست دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.30

باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ رايون ئېكولوگىيىسىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ، راك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غەيرىي كېسەللىكلەر ۋە نورمالسىز تۇغۇت ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىنغاندىن سىرت، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمىگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى مارىنو بۇسداچىن باياناتىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىخەۋەر قالغان بۇ پاجىئەنى يورۇقلۇققا چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلىتىش، باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەت» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا سۆزىدە ياۋروپا بىرلىكىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تەرەپدارى بولۇشقا ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.