ياپونىيە باش ۋەزىرى ئاراللارنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.02
2013.02.02
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 2 - فېۋرال ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنزو ئابىې شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشتىكى ئاراللار گۇرۇپپىسىغا كېلىدىغان تەھدىتىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە: مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر بىز بۇ ئاراللارنى قوغدايمىز، دېدى.
شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا جايلاشقان سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى ياپونىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، خىتاي قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى تالاشماقتا.
توكيو شەھىرى ئۆتكەن يىلى مەزكۇر ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان. شۇندىن كېيىن خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدىكى ئارال دەتالاشنى تېخىمۇ ئۇلغايغان ئىدى.