ياپونىيە سوت مەھكىمىسى خىتاي پاراخوت باشلىقىنى يەنە 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلدى

ياپونىيە سوت مەھكىمىسى سېنكاكو ئارىلىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرىپ، ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پاراخوت باشلىقىنى يەنە 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-09-19
Share

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، ياپونىيىنىڭ خىتاي پاراخوت باشلىقى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئېيتىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 7 - سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە چارلىغۇچى پاراخوتى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنغان خىتاي بېلىقچى پاراخوتىنىڭ باشلىقىنى 29 - سېنتەبىرگىچە يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش بېكىتىلگەن بولۇپ، 18 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەتتا ياپونىيە كونسۇلخانىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئەمما، ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرىغا قارىماي، ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەن خىتاي پۇقراسىنى قويۇۋېتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلىشىغا نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى"خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق قوشۇش" دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ھەممە ئاقىۋەتكە ياپونىيىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.