يېڭىشەھەردە 151 نەپەر «ياردەم بەرگۈچى كادىرلار» تەربىيىلىنىشكە باشلىدى

17-سېنتەبىر قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر ناھىيىگە كەلگەن 151 نەپەر ئاتالمىش «ياردەم بەرگۈچى خادىملار» نى تەربىيىلەشكە باشلىغان. بۇ كادىرلارنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار خىزمەت تېپىشتا قىينىلىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت باشلىشى دىققەتنى تارتتى.

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، تەربىيىلەش كۇرسى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپىدە باشلانغان. كۇرسانتلار ئارىسىدا خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلار بار ئىكەن.

يىغىنغا قاتناشقان يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋۇ لىنجۇڭ مەزكۇر كۇرسانتلارغا قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «قاراتمىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاتالمىش خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە باشلىغان ئىدى.