ياۋرو - ئاسىيا دۆلەتلىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستانبۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرو - ئاسىيا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ۋە ئۆز - ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەشكىلاتى (CICA) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى تۈركىيىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.09

بۇ يىغىندا، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززىنى ھەربىي جەھەتتىن قامال قىلىشنى بۇزۇپ تاشلاش ھەققىدە تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ۋە بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنغا رۇسىيە، ئىران، سۈرىيە، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنت ياكى باش مىنىستىرلىرى قاتناشتى. ئەمما بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان ئىسرائىلىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرى، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي قامالىنى بۇزۇش ئۈچۈن غەززىگە يېقىنلاشقاندا، 8 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ۋە بىر نەپەر تۈرك ئامېرىكا پۇقراسى ئىسرائىلىيىنىڭ زەربىدار ئەترىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.