ئەرەب بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان قاتارمۇ بۇ ھەرىكەتكە 4 بومباردىمانچى ئەۋەتتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتتە ياۋروپا-ئامېرىكا قىسىملىرى كازافىينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭچىلار، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھاۋا ھۇجۇمىدا كازافىينىڭ بەنغازىدىكى بىر نەچچە ئون تانكا-برونىۋىكلىرى پاچاقلانغانلىقىغا تەنتەنە قىلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش ھەققىدە ب د ت قارار ماقۇللىغاندا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن خىتاي بۈگۈن، غەرب دۆلەتلىرىنى، لىۋىيىگە ھۇجۇم قىلىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنداقلا ئۇنى، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئىشغالىيىتىنىڭ داۋامى دەپ جاكارلىدى.
ئەمما، خىتاينىڭ باياناتىدىن كېيىنلا، ئەرەب بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى مۇسا بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ كازافىيغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرىسىدىكى قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر لىۋىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇۋالماقچى.