يايلىقى تارتىۋېلىنغان توقسۇنلۇق چارۋىچىلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

410 مىڭ مو يايلىقى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان توقسۇنلۇق چارۋىچىلار، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىدا توپلىنىپ رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن يايلاق مەسىلىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىدى.

ئۇلارنىڭ توپلىشىپ تەلەپ سۇنۇش ھەرىكىتى 5‏-كۈنىگە يەنى دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارنى توقسۇنغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن. دائىرىلەر ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشتە يايلاق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى پەخىردىن پەرھاتمۇ، چارۋىچىلارنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. لېكىن چارۋىچىلار توقسۇنغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارغا ئالدى بىلەن يىغىن ئاچقان. توقسۇن ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چارۋىچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى ئالىم دېگەن كىشى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئۇ يىغىن ئارىلىقىدا، سۆزىنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ «يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى، مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەردى؛ بۈگۈندىن باشلاپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىسىلەر» دەپ تەھدىت سالغان. ئۇ يەنە باشقا چارۋىچىلارنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا بۇيرۇپ، چارۋىچىلاردىن ئابدۇرېھىم ئابلىز، ئابلەھەت ۋە تۆمۈر يۇنۇس قاتارلىق 3 كىشىنى ئايرىپ ئېلىپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالىم قاتارلىق توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بۈگۈن كەچ يەنى دۈشەنبە كۈنى كەچتە بۇ 3 نەپەر چارۋىچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا؛ سۆھبەتتە داۋاملىق ئۇلارغا تەھدىت سېلىنىدىغانلىقى ۋە ياكى يايلاق مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىشىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.