ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئالىي ئابدۇللاھ سالىھنىڭ باياناتچىسى سالىھ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيىنىڭ قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ يەمەننىڭ سىياسىي كرىزىسىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەمەندىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 120 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يەمەن ئۆكتىچىلىرىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي سالىھنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى سالىھ ئۆزىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ لايىھىسى بويىچە ئالغاندا، پرېزىدېنت سالىھ ئۆكتىچىلەر بىلەن كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭ مۇئاۋىنىغا تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن پرېزىدېنت ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
يەمەن ئۆكتىچى رەھبەرلىرى سالىھنىڭ ھوقۇق تاپشۇرۇشقا رازى بولغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.