خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتى نارازىلىق پەيدا قىلدى
2012.11.22
بۈگۈن فىلىپپىننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت دېل روسارىئو بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ «خىتاي يېڭى پاسپورتىدىكى خەرىتىگە فىلىپپىنغا تەۋەلىكى ئىنتايىن ئېنىق بولغان رايونلارنىمۇ كىرگۈزۈۋالغان، بۇ ھەددىدىن ئاشقان ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بىر ئەھۋال» دېگەن.
پەيشەنبە كۈنى ۋيېتنام دائىرىلىرىمۇ خىتايغا رەسمىي نارازىلىق خېتى ئەۋەتىپ، خىتايدىن خەرىتىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاسپورتنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ۋيېتنامغا كىرمەكچى بولغان بەزى خىتاي پۇقرالىرى بۈگۈن خىتايدىكى ۋېيبو تورىغا قالدۇرغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ پاسپورتتىكى خەرىتە سەۋەبىدىن چېگرادىن ئۆتكىچە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ بولسا، مەسىلىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا «بىزنىڭ ئالاھىدە بىر مەقسىتىمىز يوق، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئىچىدە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىش بىلەنلا بولدى قىلغان.