تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تىبەت-خىتاي سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى

29‏-دېكابىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلماقتا. يىغىنغا 8 دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا دارامسالادىن كەلگەن ۋەكىل، سامنوم تەمپەل سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە توختاپ قالغان تىبەت-خىتاي سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا دەۋەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.02

سامنوم تەمپەل سۆزىدە خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە بۇنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ نۇقتىدا:«بىز بۇ خىل ئۆزىنى تەكشۈرۈش تىبەت خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە ئارامچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىمىز» دېگەن.

خىتايچە «بوشۈن» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزكۇر ۋەكىل، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا چوقۇم كېلىشىم تۈزۈلۈشى زۆرۈرلۈكىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ تىبەت ۋە خىتاي خەلقىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئاساسلانغان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.