دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چارە كۆرۈلگەن 5 نەپەر دىنىي زات ھۆكۈمەتنىڭ رامزان مەزگىلىدە يولغا قويماقچى بولغان بىرقاتار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن چارە كۆرۈلگەن بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.
دىلشات رىشىت يەنە بۇ دىنىي زاتلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ 30-،31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغان بۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز يوپۇرغا ناھىيىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 5 نەپەر دىنىي زاتقا چارە كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى بولسا بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارەتنى رەت قىلدى.
نۆۋەتتە رادىئومىز مۇخبىرلىرى يوپۇرغا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 5 نەپەر دىنىي زاتقا چارە كۆرۈلگەن ۋەقە ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشماقتا.