بايىنغولىن ئوبلاستى خوتونسۇمۇل ناھىيىسىدە قار كۆچۈپ ئاز دېگەندە بىر كىشى قازا قىلغان

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا قاراشلىق خوتونسۇمۇل ناھىيىسى (يۇلتۇز يايلىقى تەۋەسى) دە قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 600 ئەتراپىدا چارۋا ئۆلگەن. 100 دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 460 چارۋىچى ۋە 20 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا قاردا قاپسىلىپ قالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت يۈز بەرگەن خوتونسومۇل ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى مۇرەككەپ ۋە يىغىندى قارلار يوللارنى توسۇۋالغانلىقتىن قاردا قاپسىلىپ قالغان چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش قىيىنغا توختىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان قاتتىق سوغۇق بولغان، بولۇپمۇ ئالتاي ۋە ئىلى تەۋەسىدىكى رايونلاردا 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، 1 مىليون 600 مىڭ نوپۇس ئاپەتكە ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 640 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئارقا - ئارقىلاپ يۈز بېرىۋاتقان قار ئاپەتلىرىدە ئۆلگەنلەر، مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنىڭ ئورنىغا ھەدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ قانداق ياخشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماقتا.