تۇنۇسنىڭ 24 يىللىق ئىستىبدات پرېزىدېنتى زەينۇل-ئابىدىن بىن ئالىي دۆلىتىدىن قاچتى

24 يىلدىن بۇيان تۇنىستا ھاكىمىيەت سوراپ كەلگەن پرېزىدېنت زەينۇل-ئابىدىن بىن ئالىي خەلق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدا جۈمە كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىدىن ئايرىلغان.

ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇنۇس باش مىنىستىرى مۇھەممەت غانۇچى ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىقنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىن ئالىنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن جۈمە كۈنى كەچتە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىدىن ئايرىلغانلىقى، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ ئايرودروم ۋە تۇنۇس ھاۋا بوشلۇقىنى ئۇچۇشقا تاقىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دائىرىلەر جۈمە كۈندىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى يىغىلىشنى چەكلىگەن شۇنداقلا بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى باستۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى تۇنىستا كەڭ كۆلەملىك خەلق نامايىشى پارتلاپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئىشسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار پرېزىدېنتى بىن ئالىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا نامايىش تەرەققىي قىلىپ، قوراللىق كۈچلەر بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان. توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھېقىقى سانىغا دائىر مەلۇماتلار ھەر خىل بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيىسى پەيشەنبە كۈنگە قەدەر 66 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ يەرلىك دوختۇرخانا دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە پەيشەنبە كۈنى بىر كۈننىڭ ئۆزىدىلا 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىن ئالىي پەيشەنبە كۈنى تۇنۇس بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىش ئالدى بىلەن تۇنۇسنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا تۇنۇسنىڭ سىدى بوزىد رايونىدا يۈز بەرگەن. نامايىش كوچىدا مال سېتىۋاتقان 26 ياشلاردىكى بىر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ مېلىنى ساقچىلارنىڭ مۇسادىرە قىلىشىغا نارازى بولۇپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.