جاڭ چۈنشيەن، 5 - ئىيۇل كۈنى كوچا ۋە بازار ئارىلاپ، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللىگەن

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن تۈنۈگۈن چۈشتىن بۈرۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەرلىك ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان كوچا ۋە بازارلارنى زىيارەت قىلىپ، ئاھالىلەردىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن.

ئۇ بۇ جەرياندا، تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مىۋە - چىۋە، قاق بازىرىدىكى يۇنۇس ۋە لىتىپ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر دۇكاندارنىڭ دۇكىنىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن سودا - سېتىق ئەھۋالى ۋە ئەتراپنىڭ مۇقىملىق ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالغان. جاڭ چۈنشيەن يەنە شياۋشىمېن بازىرىدىكى خىتاي تىجارەتچىلىرىنىمۇ يوقلىغان. ئەمما ئۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن سەزگۈر رايونلار دەپ ئاتالغان دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ۋە ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلارغا ئۆتمىگەن. 5 - ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە ئۈرۈمچىدىكى ھەر ئىككى مىللەتنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش شۇنداقلا مال - بىساتىغا ئوت قويۇش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپتىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە 400 مىڭ يۈەندىن قۇتقۇزۇش پۇلى بەرگەن ۋە مال - ۋارانلىرىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. بىراق، 7 - ئىيۇل دۇكانلىرى زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر جاڭ چۈنشيەننىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، شەكلىۋازلىق ئارقىلىق ئاممىنىڭ رايىنى قازىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.