چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى دۇنياۋىي تارقىلىشچان ۋىرۇس دەپ ئېلان قىلىندى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي يىغىن ئېچىپ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنى دۇنياۋىي تارقىلىشچان خاراكتېرلىك كېسەل دەپ ئېلان قىلدى. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 1968 - يىلىدا خوڭكوڭدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ بىر مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان زۇكام ۋىرۇسى ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ۋىرۇسنى دۇنياۋىي تارقىلىشچان ۋىرۇس دەپ ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بۇ كېسەللىك دۇنيادا تىز سۈرئەت بىلەن يېيلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېزلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-06-11
Share

ھازىر بۇ كېسەللىك ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈندىن  - كۈنگە ئۆرلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تارقىلىش دولقۇنىغا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىنى، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يېقىندا خوڭكوڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 12 ئوقۇغۇچى بالىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ چوشقا زۇكىمىنى نەدىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلانمىغان ئىدى. خوڭكوڭ بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ، جۈمە كۈنىدىن ئىتىبارەن بارلىق يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئىككى ھەپتە بويىچە تاقاش قارارى ئالدى.

چوشقا زۇكىمى ھازىرغىچە 74 دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ، 27 مىڭ 737 كىشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 141 كىشى ئۆلدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى  10 - ئىيۇن كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ خىتايدا ھازىرغىچە 105 كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت