چوشقا زۇكىمى شىمالى يېرىم شاردا يامراش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر شىمالى يېرىم شاردا چوشقا زۇكىمى يامراش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغا قەدەر چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 6770 كە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.21

ھازىر گرۇزىيە، لاتۋىيە، مولداۋىيە، سېربىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئاۋغانىستانلاردىمۇ يامراشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى كۋەست شىركىتى 10‏ - ئاي ئىچىدىلا، ئامېرىكىدا 142 مىڭ ئادەمنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ياللۇغلانغانلىقىنى بايقىدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدىلا چوشقا زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن سانى 500 دىن ئاشتى. نورۋېگىيىدە ۋە ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدىكى بىر داۋالاش ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدا بايقالغان چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى، داۋالايدىغان دورىلارغا قارىتا قارشىلىق پەيدا بولغان بىرخىل تىپقا ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكىمىنىڭ يامرىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى ئۆتكەن بىر ھەپتىدىلا 1235 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ياللۇقلانغانلىقىنى بايقىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.