5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىلىيە ۋە ساقچى خادىملىرى ئىشتىن قوغلانغان

ئۆتكەن يىلى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە چارلاش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېيتقان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە نامايىشقا قاتناشقان تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.09.29
7-iyul-kuni-at-beyge-mehellisida-tutulghan-yash-Uyghur-osmur-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.

بۇ ئۇيغۇر ياش يەنە، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىلىيە ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن "خىزمەتكە مىللىي تۇيغۇسىنى ئارىلاشتۇرۇۋالغان" دېگەن بۆھتانلىرى بىلەن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ چەت يېزىلارغا قايتا تەربىيىلىنىشكە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.