ئارزۇگۈل تۇرسۇن خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىلدى

ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ 6 ئاي 3 ھەپتىلىك ھامىلىسى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى. تۇنجى قېتىم 13 ‏ - نويابىر كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىدا ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۈنى دوختۇرخانا نامەلۇم تەشكىلات ۋە نامەلۇم شەخىسلەرنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئوپېراتسىيىنى 17 ‏ - نويابىرغا يەنى دۈشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈردى. ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەكشەنبە دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھامىلە ئىككىنچى قېتىملىق خەتەردىن ئامان قالدى. 3 ‏ - قېتىمدا، ھامىلە بۈگۈن يەنى 18 ‏ - نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى بولدى. ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەن توختامغا مەجبۇرلانغان ھالدا قول قويۇپ بولغان ئىدى.

ھامىلىنىڭ 3 ‏ - قېتىملىق قۇتۇلۇشىغا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەۋەب بولدى. باش ئەلچى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى بولماقچى ئىدى.

بىز دەل مۇشۇ پۇرسەتتە مەزكۇر دوختۇرخانىغا تېلېفون ئاچتۇق. دوختۇرخانىدىكى خادىم، ئوپېراتسىيىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى، رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ يۇقىرىدىن بۇيرۇق كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ دوختۇرخانىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلدۇق. سېستىرالار ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4:25 تە دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ھامىلىسىنى چۈشۈرۈشكە مەسئۇل خادىم رەشىدەدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئارقىدىنلا ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىر ھەپتىدىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كىرىستوفېر سىمىت، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىئو پىتتس، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كلارىك رەنت قاتارلىق ئەربابلار ئارزۇگۈل تۇرسۇن مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.