' رابىيە قادىر ھەققىدە داستان' نەشىر قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺭﺳﻼﻥ
2008.12.18
2008.12.18

Courtesy of Willy Fautre / Human Rights Without Frontiers Int`l
بۇ كىتاب ئەسلىدە گېرمانىيىلىك ئايال يازغۇچى ئالېكساندېرا كاۋېلىئۇس خانىم تەرىپىدىن گېرمان تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، "كۆكنى زىلزىلىگە سالغان ئايال" دېگەن نامدا، 2007 - يىلى ئىيۇن ئېيىدا گېرمانىيىدىكى ھېينىيې نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان. ئاپتور كىتابنىڭ نامىغا قوشۇمچە قىلىپ، "رابىيە قادىر خىتاي دۆلىتىنىڭ 1- نومۇرلۇق دۈشمىنى" دەپ ئىزاھات بەرگەن.
بۇ كىتاب ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھىمجان ئابدۇرەشىد دېگەن شەخس تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئازادلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008 - يىلى 12 - ئايدا ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە "رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" دەپ نام بېرىلگەن.
تەرجىمان كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىگە تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان: كىتابنىڭ ئۆزەم مۇھىم دەپ قارىغان جايلىرىنى ئەينەن جۈملىمۇ - جۈملە تەرجىمە قىلىپ، مەلۇم مەزمۇندىن كېيىن ئۆز قارىشىمنى قوشۇمچە شەكىلدە بايان قىلدىم.
"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان " دېگەن بۇ كىتاب ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە گېرمان تىلىدا يېزىلغان بىئوگراپىيىسنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئورنىدا، ھەم قوشۇمچە شەرھىلىنىپ يېزىلغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.
بۇ كىتاب ئاساسلىقى بىر مۇقەددىمە ۋە بەش بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى، خىسلەتلىك تۇغۇلۇش، ئىككىنچى بۆلۈمى قىسمەتتىن ھىممەت غالىبتۇر، ئۈچىنچى بۆلۈمى پۇل ھەممە نەرسە ئەمەس ئەمما كۆپ ئىشلار پۇلغا قاراشلىق، تۆتىنچى بۆلۈمى يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق، يەتكىلى بولمايدىغان يۈكسەكلىك يوق، بەشىنچى بۆلۈمى زىنداندىكى غالىپ روھ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردىن ئىبارەت.
كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ھايات كەچۈرمىشلىرىنى، ئىش - پائالىيەتلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى كىملىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ مىللى ئوخشاشماسلىق پەرقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە نەقەدەر ۋەھشى زۇلۇم سالغان ۋە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غەرب ئەللىرىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ كىتاب "ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ" دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى بىلەن باشلانغان. بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر شەخس رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىستىلى ۋە مىللى تۇيغۇسى بىلەن ئەينەن ئۇچراشقان بولىدۇ، بۇ كىتاب يالغۇز رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسى تەقدىرىنى، ئومۇمىي ھايات كارتىنىسىنى، مىللى ئەخلاقىنى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەقىقىي مىللى سالاھىيەتكە، مىللى مۇستەقىللىققا ئىگە، بېقىندى ئەمەس ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.
بىز بۇ ھەقتە بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۆرەش ئاتاخان ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تولۇق مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.