شىنخۇئانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ 16 - چېسلا چوڭچىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ كېلىنىپ، 17 - ئىيۇن كۈنى تۇنجى سەپىرىنى ئۈرۈمچىدىن باشلاپ، 18 - ئىيۇن كۇنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى ھەمدە قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ھېيگاھتىن باشلىنىدىغانلىقى ھەمدە 19 - ئىيۇن كۈنى شىخەنزە شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، بۇ جايدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئومۇمىي مۇساپە 3000 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن. ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 624 نەپەر مەشئەل كۆتۈرگۈچى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ %45 نى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەر دېگىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ %45 نى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا 40 نەچچە مىللەت ۋەكىللىرىدىن ئىبارە بولۇپ، خەنزۇلارغا %55 ئورۇن بېرىلگەن.
ئەمەلىيەتتە خىتاي رەسمىي ئىستاتىستىكىسى بويىچە ئالغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى %60 بولۇپ، خەنزۇلار %40 ئەتراپىدا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر ئاساسلىقى خىتايلار بولغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ قېتىم مەشئەل كۆتۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلاردىن خىتاي بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر، پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر قاتارلىقلار ئاساسلىق مەشئەل كۆتۈرگۈچى بولۇپ قاتنىشىدىكەن.