خىتاي ھۆكۈمىتى، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى، زەھەرلىك بالىلار سۈت پاراشوكى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.20

 سەنلۇ ماركىلىق بالىلار سۈت پاراشوكىدا بىر خىل زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن باشلانغان كرىزىسنىڭ دائىرىسى كۈنسىرى كېڭىيىپ خەلقنىڭ خىتايدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىشىغا ۋە نۇرغۇنلىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى خىتايدىكى پۈتۈن ئۆلكە ۋە چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە 24 سائەت خىزمەت قىلىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى قۇرۇپ خەلقىنىڭ ياردەم تەلەپلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىش توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى ئاخشىمى خىتاي دۆلەت كابىنىتى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇش، دوختۇرخانىلارنىڭ كېسەللەرنى پۇلسىز داۋالايدىغانلىقى قاتارلىق، ھۆكۈمەت مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ ئارىدا خىتاي مەتبۇئاتى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا سالامەتلىك سەۋەبىدىن يىغىۋېلىنغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلغانغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلانماقتا.

بۇ ئارىدا خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرى كرىزىسى چەتئەللەردىمۇ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن مالايشىيا، سىنگاپۇر، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.