ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (14)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ جىنازا نامىزى
مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ جىنازا نامىزى
RFA/Arslan

14-بۆلۈم: تۇيۇقسىز قازا تاشلاپ كەتكەن سوئاللار

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇيۇقسىز قازا قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي قالدى. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئىستانبۇلدىكى دوست-يارەنلىرى ۋە سەپداشلىرى، شۇنىڭدەك كۈندە ئۇنىڭدىن دەرس ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قازايى قەدىردىن مەڭدەپ قېلىشتى. . . 

مەرھۇم ۋاپات بولغاندا تېخى 54 ياشتا ئىدى، ھاياتىنىڭ پىشقان ۋە قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى. مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن، ياكى ئۇزۇن يىللىق سەپداشلىرى بولسۇن، مەرھۇمنىڭ ھايات مەزگىلىدە بىرەر قېتىم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى، سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ياكى روھىي-كەيپىياتىدا بىرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى. شۇنچە ساغلام، تېتىك ۋە ئۈمىدۋار كەيپىياتتا ياشىغان بىر زەبەردەس ئىنسان قانداق قىلىپ شۇنچە تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى؟

مۇسۇلمانلار قازايى قەدىرنى ئاللانىڭ ئىرادىسىدىن دەپ بىلسىمۇ، ئەمما مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە بەزى سوئال ۋە گۇمانلارنى تاشلاپ كەتتى.

ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سەپداشلىرى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مۇسىبەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپات بولۇشتىن بىرەر يىل ئىلگىرىلا ئۇنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن تەھدىت ۋە تەھلىكىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل تەكلىماكان خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۆزبېك دىنىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا بۇخارى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

مەريەمگۈل خانىم يەنە يولدىشى تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى كوچىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر بىنادا ئىجارىدە ئولتۇرىدىغان بىر ناتونۇش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دىنىي ساۋاق ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەريەمگۈل خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ ناتونۇش ئايالنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىرقانچە گۇمانلىق ئىشى ئۇلارنى شۈبھىگە سالغان ئىكەن. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەلۇم بىرىدىن ئالىدىغان پۇلىنىڭ بارلىقىنى، زەيتىنبۇرنۇدىن ئۆي سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دېگەندەك بۇ ئايال شۇ كۈنىدىكى بىرىنچى قېتىملىق زىيارىتىدىلا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى كىتابخانا ئۆيىنى، ھەتتا ھۇجرا ئۆيىنىمۇ ئارىلاپ چىققان ئىكەن.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكانمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ ناتونۇش ئايالنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ بىنورمال تۇيۇلغانلىقىنى، ھەتتا دادىسى رەھمەتلىكمۇ بۇنىڭدىن بىرئاز غەلىتىلىك ھېس قىلغانلىقىنى، ئەمما «ئارتۇقچە گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەندەك، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئانچىمۇ ئېتىبار بىلەن قاراپ كەتمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا جەسەتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل سوتچىلارنىڭ 6 ئاي جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن ئالمىشىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ يېرىم يىلدەك كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا «ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم قەغىزى بىلەن ئىشنى تۈگەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەريەمگۈل خانىمنىڭ ئەسلىشىچە، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شۇ كۈنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن مەزگىلدە ھېلىقى ناتونۇش ئايال ئىككى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كېلىنىدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەن ۋە ئۆلۈم خەۋىرىنى تۇنجى بولۇپ ۋېچات ئارقىلىق تارقاتقان ئىكەن. مەريەمگۈل خانىم يەنە بۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى، كېيىنچە باشقىلاردىن بۇ ئايالنىڭ ۋەتەنگە كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان دادىسى تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزى گۇمانلارغا ئاساسەن مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېرىش ھەققىدە دوختۇرخانا ۋە مەھكىمىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى، ھالبۇكى، بۇ ئىشنىڭ سوت سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا «زەھەرلىنىش ھادىسىسى يوق، ئەمما ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقسىز» دېگەن مۈجمەل جاۋاب بىلەن بولدى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەريەمگۈل خانىم ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم يولدىشىنى ئېلىپ بارغان دوختۇرخانىدىكى خادىملارنىڭ جەسەتنى تەكشۈرۈش ئىشىنى ھاپىلا-شاپىلا تۈگەتكەنلىكىنى، ئەمما مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇرنىڭ ئوغلى ئابدۇسالامنى ئايرىم چاقىرىپ مەرھۇمنىڭ بىر تال چېچىنى بولسىمۇ ئېلىپ قېلىشنى، ئۇنى كېيىنچە باشقا بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ كۆرسە بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇنداقتا، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى زادى نەدە‏؟ شۇنچە ساغلام ياشىغان بۇ كىشى نېمە ئۈچۈن سۈرىيە كرىزىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز قازا قىلدى؟ دوختۇرخانا ۋە سوت مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى 6 ئايدىن كېيىن ئاندىن ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىدۇ؟ مەھكىمىنىڭ «ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق ئەمەس» دېگەن يازما ھۆكۈمىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟. . . 

بۇ سوئاللار ھېلىھەم مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، زامانداشلىرىنىڭ، سەپداشلىرىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يېشىلمىگەن بىر سىرلىق تۈگۈن بولۇپ تۇرماقتا.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت