ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (23)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.06.09
Seypidin-Eziz-Lyu-Shawch-liu-shaoqi.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى ۋە خانىمى ۋاڭ گۇاڭمەي بىلەن بىللە. (1960-يىللارنىڭ باشلىرى، خوتەن)
Photo: RFA

يىگىرمە ئۈچىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جېنىغا زامىن بولغان «سىرلىق پىچاق»

1958-يىلى ۋاقىت 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئالماشقان كېچىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا ئۆلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىر قاتار گۇمان ۋە سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شۇ كۈنى سەھەردە 214-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىچىدىن تاقالغان ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرگەنلەر ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانغا بويالغان كارىۋىتىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر پىچاقنى كۆرىدۇ. پىچاق ياۋروپادا ئىشلەنگەن بولۇپ، شۇ يىللاردا خىتايدا ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن پىچاق ۋە قەلەمتراچلارغا سېلىشتۇرغاندا سىپتا ۋە ئۆتكۈر ئىدى. ھايال ئۆتمەيلا بۇ پىچاقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ پىچىقى ئىكەنلىكىنى، 1957-يىلى سەيپىدىن ئەزىزى فىنلاندىيەنى زىيارەت قىلغاندا فىنلاندىيە پرېزىدېنتىنىڭ بۇ پىچاققا ئۆز ئىسمىنى چەكتۈرۈپ سەيپىدىن ئەزىزىگە سوۋغات قىلغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.

ئەتىسى ۋاڭ ئېنماۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامىدىن كېڭەيتىلگەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان كادىرلارغا «ئابدۇرەھىم ئەيسا جىنايەتلىرى پاش بولغاندىن كېيىن جازالىنىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى دوباشىنمۇ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتىدا «ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىكەن،» دەپ يازىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ پىچاق قانداق قىلىپ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جېنىغا زامىن بولدى؟ فىنلاندىيە پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگە سوۋغات قىلىنغان بۇ پىچاق قانداقلارچە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق كارىۋىتىدىن بايقىلىدۇ؟

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان› دا ئىشلەتكەن پىچاق ھەققىدە رىۋايەتلىك ھېكايە تارقالغان. يەنى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانغا بويالغان كارىۋىتىغا تاشلاپ قويۇلغان پىچاق ئەسلىدە سەيپىدىن ئەزىزى فىنلاندىيەگە زىيارەتكە بارغاندا فىن پرېزىدېنتى ئىمزاسىنى چەكتۈرۈپ سەيپىدىن ئەزىزىگە سوۋغات قىلغان پىچاقمىش. بۇ پىچاقنى سەيپىدىن ئەزىزى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيىگە پەتىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر جاكۇلىنغا سوۋغا قىلغانمىش. ئەنۋەر جاكۇلىندىن بۇ پىچاقنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى جاغدا بابالىكوف سوراپ ئالغانمىش. ئابدۇرەھىم ئەيسا ياتاقدىشى جاغدا بابالىكوفتىن بۇ پىچاقى سوراپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان› مىش.»

مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 1957-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە بۇ پىچاقنىڭ سىرلىق بىر رەۋىشتە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانغا بويالغان كارىۋىتىدىن تېپىلغانلىقىنى، پىچاق ئىگىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ فىنلاندىيە پرېزىدېنتى تەرىپىدىن سەيپىدىن ئەزىزىگە سوۋغات قىلىنغان پىچاق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى باشقا بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان بۇ قىممەتلىك سوۋغاتنى قانداقسىگە باشقا بىراۋغا بېرىۋېتىدۇ؟ ئۇ فىنلاندىيە پرېزىدېنتى تەرىپىدىن دۆلەت سوۋغىتى سۈپىتىدە ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان بۇ بۇيۇمنى ساقلاشتەك ئەڭ ئادەتتىكى قائىدىنى بىلمەسمۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر جاكۇلىن بۇ سۈيىقەستنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا قاتىللىق قورالى تاپالمىغانمۇ؟

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا 1957-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى غۇلجادىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئايالى مۇنجىيە خانىم ئۇنىڭغا يان قورالىنى ئېلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسا «بۇنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ يان قورالىنى ئۆيىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەردە ئابدۇرەھىم ئەيسادا راستىنلا «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش» نىيىتى بولغان بولسا ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەييار يان قورالىنى ئېلىپ كېلىپ ئىشلەتمەستىن، سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بۇ پىچاق بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ؟

مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە ئاكىسىنىڭ جەسىتى ئۈرۈمچىدىن غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگىنىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قاتتىق توسقۇنىغا قارىماي دادىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ كىگىزگە يۆگەلگەن قانلىق جەسەتنى ئېچىپ كۆرگەنلىكىنى، مۇردىنىڭ كاناي ۋە كۆكرەك قىسمىدىكى پىچاق ئۇرۇلغان جاراھەت تۆشۈكلىرىگە پاختا تىقىپ قويۇلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈپ ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندە، يەنى 1975-يىلى مەرۇپ ئەيسا تاشكەنتتىن ئالمۇتاغا بېرىپ مىللىي ئارمىيەنىڭ سابىق كوماندىرلىرىدىن گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوف بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشتە مەرغۇپ ئىسھاقوف ئىلگىرىكى سۈكۈتلىرىنى بۇزۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولماستىن، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىنىڭ قانلىق جەسىتىنى نەق مەيداندا كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا يەنە شۇ قېتىم مەرغۇپ ئىسھاقوفنىڭ ئۆزىگە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدىكى گۇمانلىق نۇقتىلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆزىگە 10 قېتىم پىچاق ئۇرۇپ ئۆلۈۋېلىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنى ئاز دېگەندە 3 ئادەمنىڭ بىرلىشىپ پىچاقلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئۇزۇن يىل تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ئارقا-ئارقىدىن 10 قېتىم پىچاق تىقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، جىسمانىي جەھەتتىن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە ياكى جاننى ئالىدىغان ئۇرۇلۇشتىن كېيىن ئىنساننىڭ شوك، يەنى ۋۇجۇدىنىڭ ۋاقىتلىق قېتىپ قېلىش ھالىتىگە كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور جۈرئەت ئوبۇل يەنە بىر قېتىملىق ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىغان كىشىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىگە داۋاملىق زەربە بېرىدىغان مۇمكىنچىلىكىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ياكى چوڭ قان تومۇرلىرى يېرىلغان كېسەللەردىن ئېنىق كۆرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.