ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (11)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
1949-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» ۋە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نى قۇرىدۇ. شۇ كۈنى سەھنىگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ماۋ زېدوڭنىڭ سۈرىتى بىلەن باراۋەر ئېسىلغان كۆرۈنۈش.
1949-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» ۋە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نى قۇرىدۇ. شۇ كۈنى سەھنىگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ماۋ زېدوڭنىڭ سۈرىتى بىلەن باراۋەر ئېسىلغان كۆرۈنۈش.
RFA/Qutlan

ئون بىرىنچى قىسىم: «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟»

1951-يىلىدىكى «51 چىلەر» مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مۇرەسسەسىز بىر شەكىلدە رەت قىلىنىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا بىر مەھەل ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە چۆككەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ ھەمدە بۇ غايىسى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە ئېلىشىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانى بىر مەھەل ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن ئىبارەت «ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق» ئەمەل بىلەن بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. ئەمما ئۇ بېيجىڭدىكى كۈنلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەردە خىتاي تەۋەسىدىكى مىللەتلەرگە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىش خىيالىنىڭ ئەسلا يوقلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا سوراپ، ئۈرۈمچىدىمۇ ئىشلەشنى خالىماي، ئۇدۇل غۇلجاغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئابدۇرەھىم ئەيسانى بىر مەزگىل بېيجىڭدىكى بۇ ‹ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق› لاۋازىمدا ئىشلىگەندىن كېيىن بېيجىڭدا داۋاملىق تۇرغۇسى كەلمىدى. ئۇ ئۆزى سۆيگەن ئىلى ۋىلايىتىگە قايتىپ كېتىپ، شۇ يەردە خىزمەت ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەمگەك نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، غۇلجاغا قايتىپ كەلدى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى.»

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرى دەل ۋاڭ جېننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي-شىمال بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى شى جۇڭشۈن (شى جىنپىڭنىڭ دادىسى) نى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجاغا ئەۋەتىپ، رايوننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە شارائىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئاكىسى بىلەن بىللە بېيجىڭدىن غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن مەرۇپ ئەيسا ئىلى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئارخىپخانىسىدا ئەنۋەر جاكۇلىن ئىلىغا ۋالىي بولغان مەزگىللەردە تۇتۇلغان ۋە ئېتىۋېتىلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى كۆرگەنلىكىنى، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋالىي بولغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى 2 يىلدا «خاتا ھۆكۈم» چىقىرىلغان نۇرغۇن دېلولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى بوشاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا شۇ يىللاردا ئىلى ۋالىيسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئابدۇرەھىم ئەيسا مەيلى قايسىي لاۋازىمدا ئىشلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، قەتئىي قوغدىدى. خىتايلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالغاندا، ئۇ ھېچ ئىكىلەنمەستىن ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى. شۇ يىللاردا يۈرگۈزۈلگەن ‹3 كە قارشى تۇرۇش›، ‹5 كە قارشى تۇرۇش›، ‹تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش› قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلىرى جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەر ناھەق قولغا ئېلىنىپ جازاغا ئۇچرىغان ئىدى. كېيىن ‹خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ خاتالىقلارنى تۈزەش› باسقۇچى يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ ئىشقا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، بۇگۇناھ قامىلىپ ناھەق جازاغا ئۇچرىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىدىن ئازاد بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ناھەق قامالغانلىقى ئىسپاتلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلدى.»

1953-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1954-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا ئاپتونومىيە مەسىلىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەسى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلۇپ، ئالدى بىلەن قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەسى كۈنتەرتىپنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

بۇ مەزگىللەردە ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق يەرلىك ئولتۇراق ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئىلى تەۋەسىدە تەسىس قىلىنىش پىلانلىنىۋاتقان قازاق ئوبلاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر سىياسىي ئورۇنغا ئىگە بولۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تۇرۇۋالىدۇ.

1954-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي 3 ۋىلايەتتە قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىدا قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى يىغىنى ئېچىلىدۇ. يىغىندا پاتىخان سۇگۇربايوف قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، لى چۈەن، ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئەنۋەر جاكۇلىن، نۇسىپقان كۈنباي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىنىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا يەنە لى چۈەن سېكرېتارلىقىدىكى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىدىكى 7 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ بىرى بولىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ جەرياندا ئەگەر شىمالدىكى 3 ۋىلايەتتە قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلسا، ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئىلى ۋىلايىتى مەمۇرىي جەھەتتىن قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە بولامدۇ ياكى كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارامدۇ، دېگەن مەسىلىلەردە كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ تېخىچە ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن 3-تومىدا غۇلجىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ غۇلجانى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ، ئاتۇشنى قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قىلىپ قوشۇپ بېرىشكە قاتتىق قارشى چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپچىلىكى، يەنى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئۈچ ۋىلايەتنى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قىلىش، ئىلىدا ئايرىم ۋىلايەت قۇرۇش، ئاتۇشنى قوشۇپ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇش كېرەك، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مېنىڭ بۇ پىكرىمگە ئۇيغۇر كادىرلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. قارشىلىق ئادەتتىكىچە ئەمەس، ھەتتا ناھايىتى جىددىي ۋە ناھايىتى قەتئىي بولدى. ئىلى ۋىلايىتى بىلەن ئاتۇش ناھىيەسىنى قازاق ۋە قىرغىز ئىككى ئوبلاستقا قوشۇپ بېرىش مەسىلىسىدە مەن كۆپرەك ئۇيغۇر كادىرلارغا: ‹كەڭ قورساق بولۇشىمىز كېرەك،› دەپ خىزمەت ئىشلىدىم. كېيىن ئىشلار ھامان شۇنداق بولدى.»

بۇ يەردە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇپ بېرىش، غۇلجانى قازاق ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قىلىش پىكرىگە قارشى چىققۇچى ئۇيغۇر كادىرلار كىملەر ئىدى؟ گەرچە سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىگە قارشى چىققۇچى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كىملىكىنى ئوچۇق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق كىشى ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى بۇ ھەقتە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرۇشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىدى. يەنى ئۇ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى ھەم پارتىگۇرۇپپىسى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، 1954-يىلى 9-ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ، ئوبكومدا مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بولغاندا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى چۈەننىڭ «سىز مائارىپ ساھەسىدىن چىققان بولغاچقا، ئوبلاستىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇڭ» دېگەن تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئۇ «ئۇيغۇرلار ئىلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك خەلق، شۇڭا مەن سىياسىي-قانۇن ساھەسىنى باشقۇرىمەن،» دەيدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئوبلاست تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەق-ھوقۇقلاردىن چەتلەشتۈرۈلىشىگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مەيلى ئىلى ئوبلاستىدا بولسۇن ياكى ئىلى ۋىلايىتىدە بولسۇن، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى، ئوبلاست تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىزلاندۇرۇلغان ئىككىلەمچى ئاھالىلەردىن بولۇپ قالماسلىقىنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئۇ ئىلى ۋىلايىتى ۋە ئىلى ئوبلاستىدىكى خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىدۇ. مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى شاھىت بولغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت