ئادەملەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2013.10.19

يالماۋۇزدەك يالماشقا ئېتىلماڭلار ئادەملەر،
تۆت پۇتلۇقلار توپىغا قېتىلماڭلار ئادەملەر.
ۋىجدان دېمەك جان دېمەك، غۇرۇر دېمەك قان دېمەك،
كىملا ئالاي دەپ قويسا سېتىلماڭلار ئادەملەر.

جاھان ئۇزۇن ھەر كىمنىڭ بېشىدا بار ئېغىر كۈن،
قايغۇسىدىن بىر كىمنىڭ ئېچىلماڭلار ئادەملەر.
تۇزاق قويۇپ غوللارغا، خەندەك ئويۇپ يوللارغا،
تىكەن بولۇپ تاپانغا قېقىلماڭلار ئادەملەر.

نەسچىلىكنىڭ ھارۋىسى كۆرەلمەسلىك، مەرەزلىك،
ھارۋىسىغا نەسلىكنىڭ قېتىلماڭلار ئادەملەر.
قەدىردانلىق، ئىناقلىق سائادەتنىڭ ئانىسى،
خۇددى بۇغداي، تېرىقتەك چېچىلماڭلار ئادەملەر.

كەچمىش قىلار تەۋەللۇت ئەقىل، ئىبرەت، دانالىق،
كوزا بولۇپ ھەر كۈنى چېقىلماڭلار ئادەملەر.
ياخشىلىقتىن ئەل كۈلەر، ئىزگۈلۈكتىن جان كۈلەر،
رەزىللىككە، پەسلىككە چېتىلماڭلار ئادەملەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.