ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى

تۈركىي كلاسسىك ئەدەبىياتىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ياراتقان شەخس-شەك-شۈبھىسىزكى، ئەلىشىر ناۋايىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەلىشىر ناۋايى
ئەلىشىر ناۋايى
RFA/Qutlan

ئەگەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» ئارقىلىق ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركىي ئەدەبىياتىغا  ئۇل سالدى دەپ قارىساق، ئەلىشىر ناۋايىنى تۈركىي كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى ياراتتى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

ناۋايى 15-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان بىر زاماندا ياشىدى. بۇ مەزگىلدە گەرچە ئەمىر تېمۇر قۇرغان كاتتا ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تېمۇرىي نەسەبلىك تۈرك ھۆكۈمرانلار يەنىلا ئورتا ئاسىيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە كۈچ كۆرسىتىۋاتاتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ دەۋردە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىغا چوقۇنۇش كەيپىياتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئەدىبلەر ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. خۇددى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەكىتلەپ ئۆتكەندەك: «بۇ دەۋردە پارس تىلى بىلەن ئەرەب تىلى پۈتكۈل ئورتا ئاسىيا بويلاپ ناھايىتى كەڭ تۈردە يامراپ كېتىشى بىلەن ئەدەبىياتتا ھاكىم تىل دەرىجىسىگە كۆۈتۈرۈلگەن. تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەدىب-شائىرلىرى ئۆز ئانا تىلىنى تاشلاپ ياكى ياراتماي، پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشنى بىر خىل مودىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. ھەتتا ئۆز ئانا تىلىدا يازغان ئەدىب-شائىرلار مەسخىرە قىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى». ناۋايى زامانداشلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەينى دەۋردە بەزى تۈركىي ئەدىبلىرىنىڭ ئەرەب ۋە پارسچىغا بولغان چوقۇنۇشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، ئۇلار «فارسىي شېكەرەست» (پارس تىلى شېكەر تىل)، «ئەرەبىي ھەسەلەست» (ئەرەب تىلى ھەسەل تىل) دەپ داۋراڭ سېلىشىدۇ.

ئانا تىل كرىزىسقا دۇچ كەلگەن بۇ جىددىي پەيتتە ناۋايى ئورنىدىن دەرس تۇرىدۇ. شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئانا تىل غۇرۇرى ئۇنىڭغا ئىجادىي ئىلھام ۋە مەدەت ئاتا قىلىدۇ. ناۋايى ئۆزىدىن بۇرۇنقى لۇتفى، سەككاكى ۋە ئاتايى قاتارلىق تۈركىي تىلىدا شېئىر يازغان شائىرلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىكى پاساھەتلىك شېئىرلىرى بىلەن پارسچە يېزىش تەرەپدارلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ:

تۈرك نەزمىدە چۇ تارتىپ مەن ئەلەم،

ئەيلەدىم ئۇل مەملىكەتنى بىر قەلەم.

ناۋايى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا يازغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەرەب-پارس تىللىرىغا مەپتۇن بولۇش كەيپىياتى ئەۋج ئالغان 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا  تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداپ قالدى. ئۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرى ۋە بەدىئىي بالاغەتكە تولغان شېئىرلىرى ئانا تىلنىڭ باشقا ھەرقانداق تىلدىن قېلىشمايدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ناۋايىنىڭ ئانا تىل غۇرۇرىدىن «تۈركىي ھۈنەرەست» (تۈركىي تىلى ھۈنەر-سەنئەت تىلى) دېگەن ئۇقۇم ئورتا ئاسىياغا ياڭرىدى.

شائىر قىسقىغىنە 60 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئەمما ئۇ ئاجايىپ زور ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ، پۈتكۈل ئورتا ئاسىيا ۋە مۇسۇلمان شەرقىنىڭ 15-ئەسىردىكى بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى بولۇپ قالدى. ھىندىستاندا ئىمپېرىيە قۇرغان بابۇر ئۆزىنىڭ ناۋايىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى مۇنداق باھا بىلەن ئىپادىلىگەنىدى: «ئەلىشىربەگ تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. تۈركىي تىلدا شۇنداق شېئىرلارنى يېزىپتۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك كۆپ ھەم ياخشى يازغان ئەمەس». ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ۋاپاتىدىن يېرىم ئەسىر كېيىن، تارىخچى ۋە دۆلەت ئەربابى مىرزا ھەيدەر ئۆزىنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق كىتابىدا ناۋايىنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە پەخىرلىنىش ئىلىكىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مىر ئەلىشىرنىڭ تەخەللۇسى ناۋايىدۇر. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم تۈركىي تىلدا ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋە ئۇنىڭدىن يۈكسەكرەك شېئىر يازالىغان ئەمەس. ناۋايى بۇ ھۈنەردە ئۇستازدۇر».

ناۋايى پارس تىلىنى سۇدەك بىلىدىغان، پارس تىلىدا ئاجايىپ پاساھەتلىك شېئىرلارنى يازالايدىغان تۇرۇقلۇق، قىلچە ئىككىلەنمەستىن تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە تۈركىي تىلى بىلەن پارس تىلىنى سېلىشتۇرۇپ، تۈركىي تىلىنىڭ پارس تىلى مۇمكىن بولمىغان ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەر ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئانا تىلىنى تاشلاپ پارس تىلىغا مەپتۇن بولغان ئەدىبلەرگە قارىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ سۆزلەردىن دۈشمەنلىرىم بىلەن مۇخالىپلىرىم مېنى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى تۈركىي تىلىغا مايىل بولغىنى ئۈچۈن پارس تىلىنى رەت قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى دەپ گۇمان قىلىشمىسۇن. ھالبۇكى، پارس تىلى تەتقىقاتىدا ۋە پارسچە سۆزلەردىن پايدىلىنىشتا ھېچكىم تېخى مەنچىلىك ئىش قىلالىغىنى يوق». ناۋايى يەنە بۇ ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ياشلارنى ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەشكە، شائىرلارنى ئانا تىلدا يېزىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ تەييارغا ئاشىق بىلىمسىز ياشلىرىمىز ھە دېسىلا ئىشنىڭ ئوڭىيىنى كۆزلەپ، پارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا قىزىقماقتا. ۋەھالەنكى، ئەگەر كىشى ياخشىراق مۇلاھىزە قىلىدىغان بولسا، تۈركچە سۆزلەرنىڭ مەنە جەھەتتىن نەقەدەر كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقىنى، ئۇسلۇب جەھەتتىن نەقەدەر پاساھەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى. تۈركىي تىلىنىڭ كەڭ مەنىلىكلىكى ۋە ھەر تەرەپلىمىلىكى شۇنچە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاندى. شۇنداقكەن، ئەمدى بۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئارىسىدىكى شائىرلار ئۆزىنىڭ شۇنداق گۈزەل ۋە باي تىلى تۇرۇقلۇق، ئۆز قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىنى باشقا تىل بىلەن كۆرسىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسا ئىدى. ئەگەر ئىككى تىلدا يېزىش ئىقتىدارى بولسا، ئۆز تىلىدا كۆپرەك يازسا ئىدى...».

ناۋايىنىڭ تۈركىي ئەدەبىي تىلىنى قۇتقۇزۇش ھەمدە راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. ناۋايىنى ئۆرنەك قىلغان بىر توپ ھارماس ئەدىبلەر چاغاتاي تۈركىي ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە قايتا جەۋلان قىلدى. ناۋايىنىڭ بەدىئىي مېتودى ۋە باي ئىجادىي مىراسلىرى بەش ئەسىرىدىن بۇيان ئورتا ئاسىيادا ناۋايىشۇناسلىق ئىلمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئورتا ئاسىيانىڭ خەتتاتلىق ۋە كىتابەت سەنئىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ناۋايى ئەسەرلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلدى. مىڭلىغان شائىرلار ناۋايى ئەسەرلىرىگە نەزىرەلەر يازدى. ناۋايىنىڭ «خەمسە» ناملىق توپلامىغا كىرگۈزۈلگەن داستانلار ئاستا-ئاستا خەلق ئاغزاكى ئەدەبىياتىغا ئۆتۈپ، ئاۋام خەلق ئىجادى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ناۋايىنىڭ كۆپلىگەن غەزەللىرى ئورتا ئاسىيا مۇقام سەنئىتىگە سىڭىپ كىردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئاساسلىق ناخشا تېكىستلىرى ناۋايى غەزەللىرىدىن تەشكىل تاپتى. ناۋايىنىڭ ئۆزىمۇ بىر غايىۋى شەخسكە ئايلىنىپ، ئەسىرلەر بويى خەلق قەلبىدە يادلاندى. شۇنداق، ناۋايى بەش يۈز يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدىن ئاناتولىيەگىچە بولغان ئۇزاق تېرىتورىيەدىكى خەلقلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدە، مەدرىسىلەر دەرسلىكلىرىدە، مۇقاملار ئەۋجىدە ۋە مىسرالار لەرزىدە ياشاپ كەلدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1940-يىللارنىڭ بېشىدا ناۋايىغا بېغىشلاپ مۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ:

ئوقۇپ ئەشئار-نەزمىلىرىنى غەرق بولۇپ،
قەلبكە تەسىرات تۇيغۇلار تولۇپ.
كۆزۈم بىر نۇقتىغا قېتىپ قالىدۇ،
ۋۇجۇدۇم خىياللارغا پېتىپ قالىدۇ.

قولۇمدا كىتابى دىلدىن سورايمەن،
ناۋايى قانچىلىك بۈيۈك زات دەيمەن؟
قېنى شۇ ناۋايى، قېنى بىر كۆرسەم،
مۇبارەك قوللىرىدىن ئۇنىڭ بىر سۆيسەم!

قاراپ تۇرسام «خەمسە» نى يازغاندا،
قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا.
قاراپ تۇرسام پەرھاتقا رەسىم سىزغاندا،
قاراپ تۇرسام شىرىنغا گۈللەر تىزغاندا.

قوي! شائىر سۆزلەۋەرمە، جۆيلۈپ يوققا،
ناۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا...
يۈرىكى سىغمايدۇ ئالەمدەك لەھەتكە،
روھى يۆلەنمەيدۇ غەمگە-ئەھەدكە.

ئۇنىڭ مازارىنى ھەر بىر ۋاراقتىن ئىزدە،
گۈمبەز-قەبرىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە.
ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن.

ئەسكەرتىش:

رەسىمنىڭ چۈشندۈرۈلىشى: ناۋايىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر رەسسام كامالىددىن بېھزاد تەرىپىدىن سىزىلغان ناۋايىنىڭ سۈرىتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت