بەڭگىلەر ئىسيانى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.02.06
ana-til-paaliyiti-abduweli-ayup.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئانا تىل پائالىيىتىگە ئېسىلغان تەشۋىقات. 2012-يىلى.
RFA/Abduweli Ayup

«تۇمار ۋەقەسى» مېنى يەنە بىر قېتىم بالاغا قويىدىغاندەك قىلاتتى. قائىدە بويىچە بېشىمنى چاڭگاللاپ گۇندىپاينىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدىم. بۇ قېتىم بەلكىم «يولۋاس ئورۇندۇق» قا باغلاپ قويار ياكى يالغۇز كىشىلىك، دېرىزىسىز كامېرىغا پۇت-قولۇمنى چېتىپ سولىۋېتەر. كامېردا مەيلى ھەق گەپ قىلاي ياكى ناھەقچىلىككە قارشى تۇراي، جازالانغۇچى يەنىلا مەن ئىكەنمەن. شۇ كۈنگىچە مەيلى نېمە قىلغان بولاي ئۆزۈمنى بالاغا تىققاندىن باشقا ھېچ بىر مەسىلە ھەل بولمايدىكەن. مۇشۇ قارا كۈنلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىمۇ شۇغۇ! تىلىمىزنى قوغدايمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بىلەن جېنىمنىمۇ قوغدىيالماي خار بولۇپ يۈرگەندىن باشقا نېمە قىلالىدىم؟

خىتاي گۇندىپاي ئۇزۇن كارىدوردا ئۈنسىز مېڭىپ مېنى ئايرىم كامېرغا ئەمەس، ئۆز ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى. بۇرنۇمغا ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى كەلدى. دېرىزە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ سەھەر قۇياشى ھويلىدىكى گۈللەرنىڭ بەرگىدە، ئۈزۈم ياپراقلىرىدا پارقىرايتتى. كۆز ئالدىمدا قىزىل، سېرىق، سۆسۈن گۈللەر؛ ساڭگىلاپ تۇرغان ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر جىلۋە قىلاتتى. مەن بىر يىل بۇرۇنقى مۇشۇ دەمدە، دېرىزىسىدىن ئۈزۈملەر ماراپ تۇرغان مۇشۇنداق بىر ئىشخانىدا ھەر كۈنى سوراق قىلىنغان ئىدىم. ئالدىمغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇلغاندا ئەسلىمگە كەلدىم. بۇنداق مۇئامىلە ئوڭۇمدا ئەمەس چۈشۈمدىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مەن قانداقسىگە گۇندىپاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلغىنىمنى، قانداقسىگە جازالانماي چايغا داخىل بولغىنىمنى ئاڭقىرالماي تۇرسام، ئۇ:
- سېنىڭ ئارخىپىڭنى ئوقۇپ باقتىم، مەن ئۇچراتقان مەھبۇسلار ئىچىدە سەندەك غايىسى ئۈچۈن قامالغان بىرىمۇ يوق. سېنىڭ سىياسىي مەيدانىڭغا قىزىقمايمەن. پەقەت سېنى ياخشى ئادەم دەپ قارايمەن. مەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانغا ئۆچ. بىزدە ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق قايتىدۇ، دېگەن گەپ بار. سېنىڭ ئۇ يېڭى مەھبۇسنى تاياقتىن ساقلاپ قالغىنىڭنى خىزمىتىم سەۋەبلىك توغرا دېيەلمىسەممۇ، ئۇ سەۋەبتىن سېنى جازالاش مېنىڭ پىرىنسىپىمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. سېنى ئۇ كامېردىن يۆتكەپ ياخشىراق كامېر باشلىقى بىلەن قاماپ قوياي. مەن نۆۋەتتە تۇرغان كەچلەردە ئىنگلىزچە ئۆگىتىپ قويساڭ، دېدى.

يېڭى كامېر ھەقىقەتەن يېقىشلىق چىقىپ قالدى. كامېر باشلىقى چىشلىرى تاماكىدىن سارغىيىپ كەتكەن، پارىخورلۇق بىلەن قامالغان بىر خىتاي بولۇپ كىتابقا بەكلا ھېرىسمەن ئىدى. كامېرىنىڭ تۈزۈملىرى بوش، كىتابلار كۆپ، تازىلىقى ياخشى ئىدى. يېڭى كامېردا مېنى ئىككى كۈن يەردە ياتقۇزۇپ ئۈچىنچى كۈنى تاختا سۇپىغا ئالماشتۇرۇپ قويدى. شۇندىن كېيىن كۈنلىرىم كۈندۈزلىرى دەرس تەييارلاش، كەچلىرى ئىنگلىزچە ئۆگىتىش بىلەن ئۆتتى.

يېڭى كامېردا تاماكا ھەدىدىن ئارتۇق چېكىلەتتى. يامان يېرى يېڭىدىن تۈركۈملەپ كىرگەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارمۇ چېكىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى. قاماقخانىدا بۇ ئىش قائىدىگە خىلاپ بولسىمۇ، دوختۇر ۋە گۇندىپايلار مەھبۇسلار بىلەن يوشۇرۇن تاماكا سودىسى قىلىشاتتى. ئەمما چوڭ تەكشۈرۈشلەردە بايقالسا قاتتىق جازالىناتتى. شۇنداقتىمۇ پەۋقۇلئاددە زور پايدا سەۋەبلىك بولسا كېرەك، تاماكا «ئىشىكتىن ۋە تۈڭلۈكتىن» كىرىپ تۇراتتى.
بەزىدە كامېردا ھەپتىلەپ تاماكا ئۈزۈلۈپ قالسا مەھبۇسلارنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەيپى بۇزۇلۇپ جېدەل قىلىشاتتى. ھەتتا بەزى مەھبۇسلار گۇندىپايدىن بىرەر تال تاماكا سوراپ چېكىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزى بۇرۇن ئىقرار قىلمىغان يېڭى بىر دېلونى ياكى شېرىكلىرى سادىر قىلغان دېلونى مەلۇم قىلىشاتتى. شۇنىڭغا قاراپ ئىرادىسىزلىكنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.

گۇندىپايلار تاماكىغا دۈپ چۈشكەن بولۇپ كەچلىرى تېخىمۇ كۆپ چېكىشەتتى. ھەر قېتىم دەرس ئۆتۈپ قايتىپ كىرسەم، كامېر باشلىقى ۋە بەڭگە مەھبۇسلار كىيىمىمگە سىڭىپ قالغان تاماكا ھىدىنى پۇراپ كېتەتتى. ئۇلار تاماكا ئېلىپ كىرىش ھەققىدە ماڭا بېسىم قىلالمايتتى-يۇ، غەلۋىسىنى قىلاتتى. مەن كامېردىكى ئەمدىلا يىگىرمە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تاماكىغا ئۆگىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماكا سوراش ھەققىدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەلەپلەرگە ئىزچىل بىپەرۋا بولۇۋالاتتىم.

ئاۋغۇست كىرگەندىن بۇيان تاماكا مەسىلىسى بىلەن بىر قانچە كامېر باشلىقى جازالىنىپ قاماقخانا تۈزۈملىرى چىڭىپ كەتتى. تاماكا قانچە چەكلەنگەنچە كامېرداش بەڭگىلەرنىڭ خۇمارىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ باراتتى. ئۇلار چەكمىگەن يوتقاننىڭ، چاپاننىڭ مازلىرىمۇ قالمىدى. ئۇلارنىڭ مازنى سېمونتقا سۈركەپ چوغلاندۇرۇش ماھارىتىگە ھەيران ئىدىم. زەھەرلىك چېكىملىك ۋە سىياسىي سەۋەب بىلەن تۈركۈملەپ تۇتۇلۇپ كىرىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مازنى چېكىپ يۆتىلىپ قەي قىلىشلىرى ئىچىمنى ئېچىشتۇراتتى. ماڭا بېشارەتلىك ئۇقتۇرۇلىدىغان تاماكا تەلەپلىرى ئاشكارا دېيىلىشكە، ھەتتا تەھدىتلىك ئىبارىلەر بىلەن ئېيتىلىشقا باشلىدى.

2014-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كامېرلارغا ئادەم سىغماي قالدى. ھەر كامېردا ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن بىر قانچە خىتاي مەھبۇستىن باشقا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بولۇپ كەتتى. «مەھبۇسلارنى يۆتكەيدىكەن» دېگەن گەپ بولۇپ، بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىز پۇشتەك چېلىندى. ھەممىمىز بېشىمىزنى چاڭگاللاپ تامغا قاراپ تىزىلدۇق. گۇندىپايلار ئىشىكلەرنى شاراقلىتىپ ئېچىپ كىرىپ كەلدى. نېمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغۇچە بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈلدى. ماشىنىغا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن شىللەمدىن قورۇپ ئېلىپ ماڭغان قول بوشاپ، «مۇئەللىم خوش، بۇندىن كېيىن پەخەس بول، سېنى كامېردىكى بەڭگىلەر مىللىي كەيپىياتى كۈچلۈك دەپ چېقىپ قويۇپتۇ، سېنى نەگە قامايدىغىنى ماڭا نائېنىق» دېدى. ئاۋازىدىن مەندىن ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن ھېلىقى گۇندىپاي ئىكەنلىكىنى مەلۇم ئىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.