دىن ئۆگىنىش يولىدىكى سەرسانلىق - 2
2014.04.19
ساغلام ئېتىقادلىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، دىن بىلەن پەن مائارىپىدا تەڭ ئۆسكەن، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن قىرائەت ۋە تەبلىغ سورۇنلىرىنىڭ بۇلبۇلى بولۇپ سايراپ، خىتايلارنىڭ زىيانكەشلىك نىشانىغا ئايلانغان، تەبىئىتىدىكى ھوشيارلىق ۋە پاراسىتى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدە يىللارچە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ تۇتۇق بەرمەي، ئاخىرى چەتئەلگە قېچىپ چىققان.
8 - 9 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىدىمۇ دەۋەت يولىدا ئىزدىنىپ، بۈگۈنكى ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا ھۈسەيىن تەجەللى نامى بىلەن داڭ چىقارغان بىر ياشنىڭ كەچمىش ۋە ئەسلىمىلىرى، تەقدىر بىلەن ئىرادە، ئارزۇ بىلەن غايە، تېرىشچانلىق بىلەن نەتىجە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
1 - ئەينى يىللاردىكى قەشقەر
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىكى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگۈچى ھۈسەيىن تەجەللى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش يولى بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىپ، ھالال ياشايدىغان بىر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقى، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مىقياسىدا ئەۋج ئالغان دىنىي بىر مۇھىتتا چوڭ بولغانلىقى، دىنىنى ئۆگىنىش يولىدا ئۇچراتقان مۇرەككەپ بىر جەمئىيەتنىڭ نادىر ئالىملىرىدىن تەسىر ئېلىپ، بۇ يولدا بارلىقىنى بېغىشلاشتەك مۇقەددەس بىر غايىنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى قانداق باسقانلىقى ۋە نېمىلەرگە شاھىت بولغانلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەينى يىللاردىكى قەشقەر ھەققىدە ئۆزگىچە تەسۋىرىي بايان ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.