ئابابەكرى قاتارلىق گۋەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار 2004-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە رەسمىي سوتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ سوتلىنىش جەريانى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. كۆپ قېتىملىق قايتا-قايتا سوراق، تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرىدا سوتلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. ئابابەكرى قاتارلىق 5 ئۇيغۇرغا دەسلەپكى قەدەمدە «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسى تېخىچە ھەل بولمايدۇ.
ئابابەكرى قاتارلىق 5 ئۇيغۇر گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى يەنىلا گۋەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. كېيىنچە ئادۋوكاتلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۇلارنى گۋەنتانامودىكى تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئانچە يىراق بولمىغان دېڭىز بويىدىكى بىر لاگېرغا يۆتكەيدۇ. گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان 9 كىشىنىڭ ئىچىدە ۋەتەندىن چىققان 5 ئۇيغۇر، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئۇيغۇر، 2 ئەرەب ۋە ئافغانىستانلىق بىر ئۆزبېك بار ئىدى.
ئابابەكرى قاتارلىقلار گەرچە گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن بوشىتىلىپ، دېڭىز بويىدىكى يېڭى لاگېرغا كۆچۈرۈلگەن، خېلى كۆپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ يەردە يەنە بىر يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنى يەرلەشتۈرىدىغان مۇۋاپىق دۆلەت ئىزدەيدۇ.
ئارىدىن بىر يىلدەك ئۆتكەندە تۇيۇقسىزلا ئابابەكرى قاتارلىق 5 ئۇيغۇرنى ئالبانىيەگە يەرلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ خەۋەردىن ئۇلار ھەيران قالىدۇ. چۈنكى بۇ بەشەيلەننىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئالبانىيە ھەققىدە تۈزۈك چۈشەنچىسى يوق ئىدى.
ئاخىرى ئابابەكرى قاتارلىق 5 ئۇيغۇر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىغا قاچىلىنىپ مەخپىي ھالدا كۇبادىن ئالبانىيەگە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كەلگۈسى ھەققىدە ھېچقانچە تەييارلىقى بولمىغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش تاڭ سۈزۈلمىگەن بىر پەيتتە تىرانا ئايرودرومىغا قونغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىدىن چۈشۈپ يەنە بىر ناتونۇش ئەلنىڭ تۇپرىقىنى دەسسەيدۇ…