0:00 / 0:00
گۆش، ئۇن، ماي، شېكەر، سوپۇن، رەخت، ماتېرىيال…. قىسقىسى پۈتۈن نەرسە نورمىلىق بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆلچەم بويىچە بىلەت، تالونلار تارقىتىلىپ، ئۆلچەمدىن ئارتۇق بىر نەرسە سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ بىر دۇكاندىن ئېغىزغا سېلىپ يېگۈدەك بىر چىشلەم نەرسە تېپىش قىيىن ئىدى.
كىشىلەر ئاچلىققا چىدىماستىن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يەپ زەھەرلىنىپ پۈتۈن بەدىنى كۈپتەك ئىششىپ قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئۈلگۈرمەستىن دوختۇرخانىدا ھەر كۈنى 10-20 كىشى ئۆلۈپ تۇراتتى….
كوممۇنا تەرىپىدىن مەجبۇرى ئېچىلغان يەسلىدىكى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ قاتارىدا مېنىڭ سىڭلىممۇ بار ئىدى….