«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» 62-يىلى (5-فېۋرال)
2011.11.05
بۈگۈن خىتايلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ئىدى. ئەتىگەن تاماقتىن كېيىن مەريەم ئۆيىگە كەتتى. سائەت 10 لار بىلەن ئابلىكىم، ئابلىز، مەلىكە ۋە مەن تۆتىمىز بىزنىڭ ياتاققا يىغىلدۇق. ئالدىمىزغا شاھمات تىزىپ قۇيۇپ قارىماققا شاھمات ئويناۋاتقان قىياپەتتە يوشۇرۇن مەجلىس ئاچتۇق.