تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر-13

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.09.28
shwetsiye-namayish-kuresh-kosen-305.png شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش تەشكىللەۋاتقان مەرھۇم كۈرەش كۆسەن (2005-يىل 1-ئۆكتەبىر)
RFA/Qutlan

ئالمۇتادىكى بىرقانچە ئايغا سوزۇلغان جاپالىق جەريانلاردىن كېيىن مۇنەۋۋەر ئاخىرى كەۋسەرنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تىت - تىت بولۇپ تۇرغان تىللاخان ئانا نەۋرىسى كەۋسەرنى ئېلىپ دەرھال قازاقىستانغا يولغا چىقىدۇ.

ۋەھالەنكى، ئەينى دەۋردە ئىقتىسادىي كاساتچىلىق ۋە جەمئىيەت تەرتىپى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشقان قازاقىستاندا خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالمۇتادىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ - ئامان ئۈچىنچى بىر ئەلگە كېتىشى تولىمۇ قىيىنلاشقانىدى. 2001 - يىلىدىكى «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە تۇرۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشقانىدى.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن خەلقئارا دېموكراتىيە يىغىنىدا (2002-يىل)
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن خەلقئارا دېموكراتىيە يىغىنىدا (2002-يىل)

مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇنەۋۋەر ئاپىسى تىللاخان ئانا بىلەن ئاكىسىنىڭ ئوغلى كەۋسەرنى شىۋېتسىيەگە يولغا سېلىش ئۈچۈن مىڭلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ب د ت نىڭ ئالمۇتادىكى ئىشخانىسى ئارىغا چۈشكەن بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتىكى قازاقىستاننىڭ شارائىتىدا تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. شۇ ئارىلىقتا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن قاتتىق چارچىغان مۇنەۋۋەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئانىسىنىڭ پاسپورتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەۋسەرنىڭ قازاقىستان چېگراسىدىن چىقىشى ئۈچۈن قانۇنىي ئاپىسىنىڭ ئىمزاسى بولۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ… ئەنە شۇ بىر قاتار قىيىن توسالغۇلار ۋەتەن سەۋداسىدا توزغاقتەك توزۇپ كەتكەن بۇ ئائىلىنىڭ جەم بولۇش چۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ…

قەدىرلىك دوستلار، ئەگەردە بۇ جەريانلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلاشقا قىزىقساڭلار پروگراممىمىزنىڭ 13 - قىسمىغا دىققەت بەرگەيسىلەر!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.