ئوھسىنىش (سادايى، 9 - باپ 2 - بۆلۈمنىڭ داۋامى)
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2015.07.20
2015.07.20
ئۇ بامداتنى شۇ ئۆيدە ئوقۇپ كېتىشكە تەرەددۇت قىلدى. ئۇ ئالدىبىلەن قەشقەرگە كېتىۋاتقىنىنى راست قىلىش ئۈچۈن يولغا چۈشۈپ ماڭدى. كۆپ ئۆتمەي، ئارقىسىدا ھىچكىمنىڭ قاراپ تۇرمىغىنىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندىن كېيىن دېيىشكەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ھېلىقى دالدىنى تاپتى. ئەمدى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتۈش باشلاندى.