«پاجىئە ۋە كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات»

0:00 / 0:00

مۇقەددىمە

مەن مىلادى 1910-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەيشىمكا-يىپەكچىلەر كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادامنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىندار ئادەم ئىدى. تىجارەتتىن بوشىغان مەزگىللىرىدە بالا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئانامنىڭ ئىسمى توختىخان، شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئاددىي ئائىلە ئايالىدىن بىرى ئىدى.