ساداقەت تايىقى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.03.28
urumchi-sheherlik-1-turme-2.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىكى كامېرغا ئەمەتقارى ئەسكەرتكەن بويىچە خىتايچە «دوكلات!» دەپ كىردىم، لېكىن يەنە تاياق يىيىشتىن قۇتۇلالمىدىم، چۈنكى باشنى چاڭگاللاش ئۇنتۇلۇپتۇ. ئىشىك يېنىدا تۇرغان خىتاي «بېشىڭنى تۇتە!» دەپ بولغۇچە بىر ئۇيغۇر كېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

قىرىق يىلغا يېقىن ياشاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنچىلىك كۆپ سەتلىمە، كەمسىتمە ۋە ھاقارەتلىك سۆز-ئىبارىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھاقارەت قىلىپ ئۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم. قەشقەردىكى گۇندىپايغۇ كەسپى شۇ بولغاچقا ئۇرغاندۇ، مېنى «بۆلگۈنچى»، «تېررورچى» دەپ ئۆچ كۆرگەچكە خورلىغاندۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر جىنايەتچىگە مەن نېمە قىلغان؟

ھەممىدىن غەلىتە يېرى، بۇ تەلۋە بىردەم گەپنى ئۇيغۇرچە قىلىپ خىتايچە جاۋاب بېرىشكە زورلايتتى، يەنە بىردەم ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرمىسەم چېچىلىپ ئۇرۇپ كېتەتتى. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا ئايرىم ھاجەتخانا بار بولۇپ، بۇ يەر مەھبۇسلارنى قىينايدىغان كامېر ئىچىدىكى كامېرغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. كېيىن بۇ يەرگە تۇتقۇنلارنىڭ ئېسىپ قويۇلۇپ تاياقلانغىنىغا شاھىت بولدۇم.

بىرەر سائەتتىن كېيىن ئىشىكنىڭ قېشىدىكى ئورۇندا دالىيىپ ياتقان بىر خىتاي ئالدىغا چاقىردى. ئۆگىتىلگەن بويىچە «دوكلات!» دەپ ئالدىغا كېلىپ قولۇمنى كۆتۈرۈپ تۇردۇم. تەرجىمىھالىمنى سوراپ ھەيران قالدى. ئۇ ئۆمرىدە مەندەك مەلۇماتلىق تۇتقۇن كۆرمىگەنمىش. ئۇنىڭ ئىسمى ياڭ يۇڭ بولۇپ، مۇشۇ كامېرنىڭ باشلىقى ئىكەن.

كامېردا 17 تۇتقۇن بولۇپ تۆتى خىتاي، ئىككىسى تۇڭگان، بىرى قازاق، قالغىنى ئۇيغۇر ئىدى. خىتايلار ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق، تۇڭگانلار خروئىنكەشلىك، ئۇيغۇرلار خروئىنخۇمارلىق ۋە سىياسىي سەۋەب بىلەن قامالغان ئىدى. كامېردىكى تاختاي سۇپا ھاجەتخانىدىن يىراقلىقى بويىچە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندىن تۆتىنچىگىچە تۆت خىتاي، ئاندىن ئىككى تۇڭگان، ئاندىن مېنى ئۇرغان پەرھات ئىسىملىكتىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ياتاتتى.

تۆت ئۇيغۇر بالا باشتىكى تۆت خىتاي ئۇخلاپ بولغۇچە ئۇچىسىنى تۇتۇپ چىقاتتى. تۆت خىتاي، ئىككى تۇڭگان كەڭرى ئورۇننى ئىگىلىۋالغان بولغاچقا، قالغانلار كېسەكتەك تىزىلىپ بىر يېنىنى بېسىپلا يېتىشقا مەجبۇر ئىدى. سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ماڭا ئوخشاش يېڭى كىرگەنلەر قىستىلىشىپ يەردە ئۇخلايتتۇق. يەردە دېيىلگەندە خالانىڭ يېنى بولاتتى. ھەتتا تاماق يىگەندىمۇ سىياسىي مەھبۇسلار خالانىڭ يېنىدا يىيىشى شەرت. كېچىدە كامېرنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى مەھبۇس ئىككى سائەتتىن نۆۋەتلىشىپ پوستتا تۇرۇپ چىقاتتى. پوستتا تۇرغۇزۇلۇپ ئۇخلىتىلمايدىغان تۇتقۇنلار يەنە شۇ ئۇيغۇر، يەنە شۇ سىياسىي مەھبۇس.

تۇتقۇنلارنىڭ ئۆيىدىن كىرگەن پۇللار تاماق كارتىغا سېلىناتتى. كارتىغا تاماق، تۇخۇم، شاكىلات، كەمپۈت، سۈت، مېۋە ۋە ئىچ كىيىملەرنى بۇيرۇتۇشقا بولاتتى. ئەمما كارتنى باشقۇرۇش ۋە تاماق بۇيرۇتۇش ھوقۇقى كامېر باشلىقى ئاتالغان خىتاينىڭ قولىدا بولاتتى. قاماقخانىدا ئەتىگەندە گۈرۈچ بىلەن سۈيى پەقەت ئارىلاشمايدىغان «سۇگۈرۈچ»، چۈش ۋە كەچتە سۈيىگە ئۇۋاق مۇچ دارىتىلغان «ئازاب شورپىسى» بېرىلەتتى. ئانچە مۇنچە ياغ ۋە كۆكتاتلار سېلىنغان تاماقلار ئايرىم بۇيرۇتىلاتتى. كامېر باشلىقى ئاۋازىنى چىقىرالمايدىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پۇلىغا بۇنداق تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ يەيتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۈت، شاكىلات، قىياملا بىلەن ناشتا قىلاتتى. ساقچىلارغا تاماكا بۇيرۇتۇپ چېكەتتى. ئۇيغۇر چوماقچى بولسا ئاكىسىدىن ئاشقاننى بىر شورىۋېلىش ئۈچۈن كۈچۈكلىنىپ كېتەتتى. قاماقتا ئۆيىدىن پۇل ئەڭ كۆپ كىرىدىغان، ئەمما ئىشلىتەلمەيدىغان يەنە شۇ شورپىشانە ئۇيغۇر ئىدى. مەن كارتامغا قانچە پۇل كىرىپ قانچە پۇل چىقىم بولغانلىقىنى قاماقخانا ئالماشقاندا ئاندىن بىلگەن ئىدىم.

ئۇيغۇر كوچىدا قانداق كۈن كۆرۈۋاتقان بولسا، تۇرمىدىمۇ ئوخشاش ھالدا ئىدى. بىر مىللەت ھوقۇقسىز، خار بولسا ھەر بىر ئەزاسى، ھەر قانداق يەردە ھوقۇقسىز، خار بولىدىغان گەپكەن. مەن ئۈرۈمچىدە ئۈچ قاماقخانىدا تۇرۇپتىمەن. ھەممىسىدە خىتاي ساقچى باش، ئۇيغۇر مۇئاۋىن. كامېرلاردا خىتاي باشلىق، ئۇيغۇر چوماقچى. خىتاي بۇيرۇقچى، ئۇيغۇر ئىجراچى. خىتايلار سۆزمەن، قورقماس، تەۋەككۈلچى؛ ئۇيغۇرلار كەمسۆز، قورقۇنچاق، ئېھتىياتچان ئىكەن. كامېردا ئۇيغۇر چوماقچى خىتاي ئاكىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ خىتايدىن ئۇيغۇرنى بەكرەك ئۇرىدىكەن. سەۋەبى چوماقچى خىتاينى ئۇرسا ئىگىسىگە ساداقىتى تولۇق ئىسپاتلانمايدىكەن. پەقەت ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنى خىتايدىن بەكرەك ئۇرسا ئۇنىڭ نەقەدەر مىللەت تونۇمايدىغان، نەقەدەر خىتايلىشىپ بولغان، ئىگىسىگە نەقەدەر سادىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا كېرەك. ئەگەر كامېر باشلىقىنىڭ چوماقچىسى خىتاي بولسا، ئۇيغۇرغا ئۆچ بولمىسىلا ئۇيغۇر چوماقچى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتمەيدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى خىتاي بولغاچقا خىتايلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا، خىتايغا بولغان ساداقىتىنى نامايان قىلىشقا ئېھتىياجى چۈشمەيدىكەن. بۇنى مېنى ئۇرغان پەرھات «قارا، ماڭىمۇ ئامال يوق دېگىنە! مېنىڭ بۇنچىلىك كۈن كۆرمىكىممۇ ئاسان ئەمەس، ئۇيغۇرنى خىتايدىن بەكرەك ئۇرمىسام، دائىم ئۇرۇپ تۇرمىسام لودا (كامېر باشلىقىنى دېمەكچى) مېنى ئۇيغۇرغا يان باستى دەپ قالىدۇ ئەمەسمۇ!» دەپ ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئىشقىلىپ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ كۈنى تەس، ئۇلار قاماقخانىدا خىتاي مەھبۇس ۋە ساقچىدىن «جىنايەت» تايىقى يېگەندىن باشقا، ئۇيغۇر چوماقچىدىن ساداقەت تايىقى يەپ تۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.