شادىمان مەھبۇس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.05.22
turme-uyghur-siyasiy-mehbus.jpg تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

2014-يىلى كەچكۈزنىڭ بىر ئاخشىمى كامېرغا كۈلۈمسىرەپ يېڭى بىر مەھبۇس كىرىپ كەلدى. ھەممە بېرىلىپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان بولغاچقا كاتىپلىق ماڭا بۇيرۇلدى. گەۋدىلىك، ئېگىز، قاڭشارلىق كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ سېرىق سىياسىي كىيىم ئىچىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ سۆزلەشلىرى ھۆرمىتىمنى قوزغىدى. ماڭا ئۇنىڭ كامېرغا مېھمانغا چاقىرىلغاندەك كىرىپ كېلىشى ۋە ئىچىدىن ئېچىلىپ كۈلۈشلىرى ئىسسىق كۆرۈندى. ئىسمىنى ئاۋلىراخۇن دېۋىدى تۈزەتتىم.

-«بۇ دېگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللادىن كەلگەن، شۇڭا ئابدۇللا دەپ توغرا ئاتاش كېرەك. ئۇيغۇردا بۇ ئىسىم ئابلا، ئاۋلا بولۇپ قىسقىرىپ كەتكەن ئەھۋال مەۋجۇت»، دېيىشىمگە، ئۇ: «ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما دادام رەھمەتلىك ئەزان چىللاپ ئاۋلىراخۇن قويۇپتىكەن، مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دادىسى بولمىغاندىكىن، دادام قويغان پېتى تۇرسۇن، خەنسۇچە ئاۋلىراخۇن دەپ يازغىلى بولسا شۇنداق يېزىۋېرىڭە!» دېدى. ئۇنىڭ شۇ كۈنى «چىرىنىڭ نۇرى دېگەن يېرىدە ئاياللار ئۇز، ئەرلەر مەندەك قاۋۇل كېلىدۇ» دېگەن سۆزى تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە.

كامېر باشلىقىدىن تارتىپ چوڭ كىچىك بارلىق ئەمەلدارلار تېلېۋىزور ئېكرانىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ھەپتىدە بىر قويۇلىدىغان «يۇلتۇزلۇق مەنزىل» پروگراممىسىنى كۆرۈۋاتاتتى. شۇ پۇرسەتتە بۇ ئاكىمىزنىڭ تارىخىنى ئاڭلاپ ئاكام كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئاۋلىراخۇن ئاكىنىڭ يېزىسىدىن ئايرىلىشىغا «سېنى خۇدا ئەمەس كومپارتىيە بېقىۋاتىدۇ!» دېگەن ئاھانەت سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇ تۆت ئىنىسى، ئىككى سىڭلىسى بىلەن دادىسىدىن يېتىم قالغان بولۇپ ئىنىلىرى كىچىك، ئانا پۇلسىز، ئامالسىز بەك قىينالغان ئىكەن. يېزىدىن ھەر چاغاندا ئۇن، گۈرۈچلەر بىلەن يوقلاپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ۋىلايەتنىڭ بىر سېكرېتارى يېزىغا چىقىپ نامرات ئائىلىلەرنى يوقلاپتۇ. نۆۋەت ئاۋلىراخۇن ئاكىغا كەلگەندە سېكىرتار ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپتۇ. ئاكىمىز «خۇداغا شۈكۈر، خۇدايىم ھەربىرلىرىنىڭ دىلىغا ئىنساپ بېرىپ يوقلاپ كېلىشىپلا»، دەپتۇ. سېكرېتار بۇ گەپنى ئاڭلاپلا خىتايچە كالدىرلاپ چىچاڭلاپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. تەرجىماننىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋلىراخۇن ئاكا شۈكرىنى خۇداغا ئەمەس كومپارتىيەگە ئېيتىشى كېرەك ئىكەندۇق. يېزا باشلىقى ئۇنى «نېمىشقا ياردەمنى ھۆكۈمەتتىن ئېلىپ شۈكرىنى خۇداغا قىلىسەن!» دەپ بىر مۇنچە دۆشكەللەپتۇ.

ئاۋلىراخۇن ئاكا سېكىرتار كەتكەندىن كېيىن ئىشىتكەن ئاھانەت ۋە دۈشكەللەشلەر ھار كېلىپ قولىدا پۇلغا يارايدىغان نېمە بولسا سېتىپ ئائىلە بويىچە ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتمەكنى قارار قىپتۇ. چىرىدىن مىچۈئەنگە يۇڭ، تېرە توشۇيدىغان ماشىنىغا چىقىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك مىچۈئەندە تېرە ئاشلايدىغان زاۋۇتقا ئىشقا كىرىپتۇ. تۇڭگانلارغا ياللىنىپ بوداقچىلىق قىپتۇ. ئىنىلىرىنىڭمۇ قولى ئىشقا تېگىپ يانچۇقى پۇل كۆرۈشكە باشلىغاندا ئايالى ئاغرىپ قېلىپتۇ. دوختۇرغا ئاپىراي دېسە پۇل يوق ئىكەن. ئامالسىز ئۇ دوراخانىغا قاتراپ يۈرۈپ، بىر دورىنى خەت تونىمىغاچ خاتا يېگۈزۈپ تاشلىغان باھانە بىلەن جۇپتىدىن ئايرىلىپ قېلىپتۇ.

ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقى سەۋەب بولغان بۇ مۇسىبەتكە چىدىمىغان ئاۋلىراخۇن ئاكا ئۆيدە تۆت ئوغۇلغا ئاش تاماق ئېتىپ، كىر يۇيۇپ كۈنى ئۆتۈۋاتقان ئىككى سىڭلىسىنى ئانىسىنى قايىل قىلىپ ئوقۇتماقچى، تاماقنى ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆزى ئېتىپ كىر -قاتلارنى يۇماقچى بوپتۇ.

-«سىڭىللىرىم ھاردۇقۇمنى چىقاردى، كىچىكى تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن ئۆتۈپ سېسترا بولدى. چوڭى دوختۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ دوختۇر بولدى، ئىككىسىنىڭ ئاق خالاتنى كىيىپ تاراقلاپ مېڭىپ ئىشلەپ كەتكەن يېرىدە كۆرسەم كۆرگۈم كېلىدۇ. ئىشىم بولمىسىلا بېرىپ كۆرۈنمەي قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن»-دېگەن ئىدى، ئاۋلىراخۇن ئاكا، ئەمدى چىرىدىن چىققاندەك قويۇق يەرلىك تەلەپپۇزدا سۆزلەپ.

ئۈرۈمچىدە يىگىرمە ئىككى يىل تىرىشىپ، ئىنىلىرىنى ئۆيلەپ، سىڭىللىرىنى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغان ئاۋلىراخۇن ئاكا قايتا تويمۇ قىلماي پۇل يىغىپتۇ. ئاخىرى يول مېڭىپ ئانىسى بىلەن ھەرەمگە يول ئاپتۇ. ئەرەبىستاننىڭ ۋىزىسى ئائىلە خىزمەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن قويۇلغان ئىكەن.

-«ھۆكۈمەت تارقاق ھەج قىلغاننى تۇتۇتكەن ئاينا، شۇڭا كىرىپ قالدۇق مىنە! چېگرادىن ئۇچۇپ چىقمىغان بولمىسا، ئۆزى تامغا بېسىپ ھەجگە رۇخسەت قىلىپ كەينىدىن سولاپ قويىدىكەن. لېكىن ئانامنى رازى قىلدىم، ئانامنى ھەرەمگە ئېلىپ باردىم، ئۆزۈممۇ ئاللاھ بۇيرۇغان بەش پەرزنى تولۇق ئادا قىلدىم. ئەمدى ھۆكۈمەت قامامدۇ، ئاتامدۇ ئارمىنىم يوق»، -دېدى ئۇ يەنە شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈپ.

ئاۋلىراخۇن ئاكا مەندەك قىرىق ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كامېردا ئۆتكۈزۈپ ئازابلىنىپ ئولتۇرغان زىيالىيدىن پەقەت بەش ياشلا چوڭ ئىدى. بىر ئۆمۈر ئانام، ئىنىلىرىم، سىڭىللىرىم دەپ ئۆتكەن بۇ ئادەمنىڭ چاچلىرى ئەمەس ساقاللىرىغىمۇ ئاق ئارىلىغان ئىدى. ئەمما رېپىدىدەك قورۇق باسقان مىسرەڭ چىرايىدىن نېرى كەتمەيدىغان كۈلكىسى ئۇنى ئۇنچە قېرى كۆرسەتمەيتتى. شۇ كۈنى ئاۋلىراخۇن ئاكىدەك جاھاننىڭ قالايمىقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي غەۋغالىرىدىن يىراق، ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرى ئاددىي، مەندەك جۇغىدىن يوغان دەرتلەرگە يۇقۇشماي ياشايدىغان مۇشۇنداق كىشىلەرگە ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.