ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللى ۋە ئانا تىل ھەققىدە تەييارلانغان ئەسەرلەر

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن گەرچە نام - شەرىپى بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى بىر - بىرىگە باغلىغۇچى شائىر، ئەدەبىيات، پەلسەپە، دىن ئىلمىگە دائىر كۆپلىگەن مول مەزمۇنلۇق نادىر ئەسەرلەر يېزىپ قالدۇرغان ئالىم، ئاق كېسەل قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن 80 پارچىغا يېقىن يەككە دورىلار رېتسېپىنى قەلەمگە ئالغان داڭلىق تېۋىپ، ئۆزىنىڭ مول ئىلمى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەدىسلەرگە بولغان ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ۋەزمىن سۆز - جۈملىلىرى ئارقىلىق بەدۆلەت ياقۇب بەگنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان، ئابدۇقادىر داموللام، مۇسا جارۇللاھ قاتارلىق ئالىم - ئۆلىمالارغا مەنىۋى ئوزۇق بەرگەن مەرىپەتچى ئۇستاز، ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

0:00 / 0:00

ئاندىن ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىتىمىز. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر سەھىپىسى» بويىچە سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.