تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 14
2013.10.05
مۇنەۋۋەر خانىم ئالمۇتادىكى بىرقانچە ئايغا سوزۇلغان جاپالىق جەريانلار ئارقىلىق ئاخىرى ئاپىسى تىللاخان ئانا بىلەن كىچىككىنە كەۋسەرنى يىراقتىكى شىۋېتسىيەگە - مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ قېشىغا يولغا سالىدۇ.
ئايروپىلان ئالمۇتا ئاسمىنىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلغانلىقىنى، يەنى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
ۋەھالەنكى، ئەينى يىللىرى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قازاقىستاندا ئۇ ۋەتەنگە قايتىشقا ئامالسىز قالىدۇ. تەقدىرنىڭ رەھىمسىز شاماللىرى ئۇنى ۋەتەندىكى ئائىلىسى ھەمدە ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ يىراقتىكى ئەل - ئامېرىكىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان يېڭى تۇپراقتا ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئۇ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى؟ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قېتىدىكى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئاكىسى كۈرەش كۆسەن بىلەن قايتا جەم بولالىدىمۇ؟ كۈرەش كۆسەننىڭ شىۋېتسىيەدىكى ھاياتى ۋە ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە نېمىلەرگە شاھىت بولدى؟...
بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز پروگراممىمىزنىڭ 14 - قىسمىغا دىققەت بەرگەيسىز.