تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 15
2013.10.12
2003 - يىلى يازدىن تاكى 2006 - يىلى كەچكۈزگىچە بولغان 3 يىل مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئەڭ مەزمۇنلۇق يىللار بولدى. ۋەتەن ئۈچۈن سوققان يۈرىكى ئۇنى بىر كۈنمۇ ئارامىغا قويمىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تىنىمسىز ئىشلىدى، ئىزدەندى، ۋەتەن ئىشقى بىلەن سۇغۇرۇلغان يالقۇنلۇق ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجات قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەشكىلاتى - شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەمگە ۋە قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ناخشا - مۇزىكىلىرى مەدەنىيەتلەر چېگراسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسىنى ئاڭلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى ئارقىلىق شىۋېتسىيەدە ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەم تونۇتتى.
ھالبۇكى، تەقدىر كۈرەش كۆسەننىڭ ئائىلىسىگە كۈلۈپ باقمىدى. ئۇنىڭ چەتئەلدىكى سەرسان ھاياتتا دۇنياغا كەلگەن، ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان ئوغلى بىلەن شىۋېتسىيەدە جەم بولۇش جەريانى قانچىلىك مۈشكۈلاتلارغا تولغان بولسا، تەقدىرنىڭ ئاچچىق چاقچىقى تۈپەيلى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىلىپ كەتكەن سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن جەم بولۇشىمۇ شۇنچىلىك قىيىنغا توختىدى. بۇ ھال تاكى 2006 - يىلى كۈرەش كۆسەن ۋاپات بولۇشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇنقى ۋاقىتقا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا مۇنەۋۋەر خانىم كۈرەش كۆسەننىڭ چەتئەلدىكى بىردىن - بىر تۇغقىنى ھەم كۆيۈمچان قېرىندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكىسىغا روھىي ھەمراھ بولۇپ كەلدى.
ئۇنداقتا، دېڭىز دولقۇنىدەك داۋالغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللاردا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەھىپىسىنى ۋەتەن ئىشقى بىلەن تولدۇرغان مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھەققىدە سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم نېمىلەرنى ئەسلەيدۇ!؟ بۇ تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز پروگراممىمىزنىڭ 15 - قىسمىغا قۇلاق سالغايسىز.