كامېردىكى «چاشقانلار»
2019.02.19
2013-يىلى 19-ئاۋغۇست تۇتۇلغاندىن كېيىن توختىماي سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدىم. بەزىدە ئايدا، بەزىدە بىر قانچە ئايدا بىر قىلىنىدىغان قان، شۆلگەي ۋە تەرەت تەكشۈرۈش ماڭا پەقەت غەلىتە بىلىنمەپتىكەن. قۇلاقتىن ياكى بارماقتىن ئالسىمۇ بولىدىغان قاننى بىلىكىمىزدىن خالتىلاپ ئېلىشلار ماڭا نورمالسىز تۇيۇلغان ئىدى. پەقەت «قېنىمىزنى ئېلىپ ساتىدۇ، بۇ مەلئۇنلار» دېگەندىن باشقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
كېيىنچە دىققەت قىلسام ئاۋۋال دورا بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىدىكەن. بەزىدە ئىسمى نائېنىق دورىلار تارقىتىلاتتى ۋە ئۇزاق قالماي قان تەكشۈرۈلەتتى. ھەر تەكشۈرۈشتە بېرىلگەن دورىلاردىن كېيىن بەدەندە قانداق راھەتسىزلىك بولغانلىقى سورىلاتتى. مەن ھەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېتىپ ئۆزۈمنى تەجرىبە قىلىنىۋاتقان چاشقانلاردەك ھېس قىلاتتىم.
ئايالىم دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغان بولغاچقا مەن دورىلارنىڭ چاشقانلارغا ئوكۇل قىلىنىپ تەجرىبە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ھەر قېتىم ئاۋۋال يالىڭاچلاپ ئولتۇرغۇزۇپ-قوپقۇزۇپ بەدەندىكى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن قان تەكشۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغاندا ۋە نۆۋەت كۈتۈپ دۈگدىيىشىپ تۇرغاندا قەپەستە بىر-بىرىنىڭ قۇيرۇقىغا بېشىنى تىقىشىپ تۈگۈلۈۋالغان چاشقانلار كۆز ئالدىمغا كېلەتتى.
تەجرىبىلەر بۇلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق. ئەتىگەن سائەت ئون بولغان چاغ بولۇپ ھاۋالىنىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت بېرىلگەن ئىدى. تۇيۇقسىز «گۈم» قىلىپ بىر نەرسە كامېرنىڭ كەينىدىكى ھاۋالانما ئۈستىدە پارتلىدى. كامېرنىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كىرگەن گاز پۇرىقىدىن باشلار قېيىپ، كۆزلەر ياشلىنىپ، كېكىردەكلىرىمىز ئىچىشىپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئېسىمدە يوق، بىر چاغدا كامېرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغا كارنايدىكىن قاماقخانا باشلىقى شىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى.
-قانداقراق تۇيغۇدا بولدۇڭلار، كاتىپلار بىرمۇ بىر خاتىرىلىسۇن، ھوشىدىن كەتكەنلەر، قۇسقانلار، نەپىسى قىيىنلاشقانلار قانچە؟ تىزىملاپ خەۋىرىنى بېرىڭلار!
بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام، پاكىستانلىق مەھبۇس سەيپۇللا ھوشىدىن كېتىپ يېتىپتۇ. ئۈچ مەھبۇس خالانىڭ ئالدىدا قۇسقىلى تۇرۇپتۇ. قالغانلارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، ياشاڭغىراپ كەتكەن، چىرايى تاتىرىپ ھالى قالمىغان ئىدى. كامېردا بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكى مۇنازىرە قىلىندى، 2009-يىلى «بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى پاجىئەگە شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋالانمىغا چۈشكىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىكەن.
ھوشىدىن كەتكەنلەرنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن. شۇ ھامان كاناينىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ گۇندىپايغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلماقچى بولۇپ كۈلكىگە قالدىم. چۈنكى قاماقتىكىلەر ئۆلۈپلا قالمىسا دوختۇرغا بارمايدىكەن. تولا كىرگەن كونا مەھبۇسلارنىڭ ئېيتىشىچە، قامالغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان دوختۇرخانىلارغا بارغانلار تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قالارمىش. ئۇ يەردە كېسەللەر ساقايمىغان تەقدىردىمۇ «ساقايدىم، قاماقخانىغا كېتىمەن» دەپ غەلۋە قىلارمىش. راست دېگەندەك بىرلا جىددىي ھالەت سىگنالى بېرىلىۋېدى، ھوشسىزلار ھوشىغا كېلىپ، مەيدىسىنى چاڭگاللاپ قۇسۇۋاتقانلارمۇ دەرھال ھېچ ئىش بولمىغاندەك بېشىنى چاڭگاللاپ قاتارغا تىزىلدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ